ئەرەب ئېتتپاقى ۋەكىللىرى: »ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»دىگەن يالغان گەپ.پەلەستىن ۋەكىلى:بەك خوش بولدۇم

ئەرەب ئېتتپاقى ۋەكىللىرى: »ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»دىگەن يالغان گەپ.پەلەستىن ۋەكىلى:بەك خوش بولدۇم

ئەرەب ئېتتپاقى ۋەكىللىرى: »ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»دىگەن يالغان گەپ.پەلەستىن ۋەكىلى:بەك خوش بولدۇم

 

ئۇيغۇر يۈرەك،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-ئ‍يۇن

 

سادا ئالبادى، باكستان رادىئوسى ،ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرى ۋە ختاينىڭ گلوبال تايمىس قاتارلىق زۇۋاندازلىرىغا ئاساسلانغاندا، ختاينىڭ 30-مايدىن 2-ئ‍يۇنغىچە قەشقەرنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن ئەرەب ئىتتپاقىنىڭ 16 ئەزا دۆلىتىدىن كەلگەن  34 نەپەر ۋەكىل تاراتقۇلارغا: «غەرپنىڭ شنجاڭدا ئىرقى قىرغىنچلىق ۋە دىنى باستۇرۇش بار دىگىنى پۈتۈنلەي يالغانكەن،ئەرەب دۆلەتلىرى ختاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولۇپمۇ شنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش تىرشچانلىقىدىن مىننەتدار ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ختاينىڭ شنجاڭدا مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ساقلاش تىرشچانلىقىنى قوللايدۇ،»دىگەن.

بۇ قېتىمقى قەشقەر زىيارىتى «ختايئەرەب يۇقىرى دەرىجىلىك ستىراتىگىيەلىك دىپلوماتىك ھەمكارلىق دىئالوگى»گە قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرەب دىپلوماتلىرىنىڭ زىيارىتى بولۇپ، ئارسدا سەئۇدى ئەرەبستان،ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن.

ۋەكىللەر قەشقەر ھېتگاھ مەسجىدىنى، قەشقەر شەھەر ئىچىنى زىيارەت قىلغان ۋە ختاينىڭ 987 مىلىيون دوللار (7مىليارد ختاي خەلق پۇلى)مەبلەغ سىلىپ، قەشقەر كونا شەھەرنى چېقىپ قايتا قۇرغانلىقىنى ماختىغان.

پەلەستىننىڭ ئەرەب ئېتتپاقىدىكى  ۋەكىلى موھانات ئالاكلوك مۇنداق دىگەن:قەشقەرنىڭ كونا بىنالىرىنى ۋە ئۇزۇن مەدەنىيتىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇلارنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپتۇ.

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك يەنە ئىككى ختاي شركىتىنى جازالىدى

شە ئىيۇن 10 , 2023
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك يەنە ئىككى ختاي شركىتىنى جازالىدى.

You May Like