ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ خىتاي زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ خىتاي زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

 ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ خىتاي زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 3-فېۋرال

ئامېرىكا ABC خەۋەر تورىنىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بلىنكىن بۈگۈن بايانات بېرىپ ئۆزىنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن «جاسۇس شار» سەۋەبلىك خىتايغا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان. 

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسى «پانتاگون»نىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكا ئاسمىنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كۆزىتىش شارىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ شارنىڭ سودا ياكى باشقا ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان شار ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىمۇ مەزكۇر شارنىڭ خىتايغا تەۋە ئاممىۋى ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان شار ئىكەنلىكىنى، كاشىلا سەۋەبلىك ئامېرىكا ئاسمىنىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ مەسئۇللىرى مەزكۇر شارنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن «بىخەتەرلىك» سەۋەبىدىن شارنى ئېتىپ چۈشۈرۈشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا ABC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بلىنكىن بۇ ۋەقە سەۋەبلىك خىتايغا بولغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە زىيارەتنى قاچانغا سۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

داڭلىق تۈرك ئىسلام دەۋەتچىسى مۇھەممەت ئەمىن يىلدىرىم مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرىنى ئەيىبلىدى

شە فېۋرال 4 , 2023
داڭلىق تۈرك ئىسلام دەۋەتچىسى مۇھەممەت ئەمىن يىلدىرىم مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرىنى ئەيىبلىدى

You May Like