تەييارلىغۇچى: ئىرفان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ ئاۋام پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىدى. ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى كۆز قاراشلار سودا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۆۋەندە بىرقانچە تاراتقۇلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىنى يىغىنچاقلايمەن.
-
CNBC
https://www.cnbc.com/2018/11/07/midterm-elections-not-seen-impacting-us-china-trade-war.html
بۇ ماقالىدا گەرچە بۆلۈنگەن قۇرۇلتاي ترامپنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسەتلىرىنى چەكلىيەلىسىمۇ، سودا سىياسىتىدە ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجرائىيە ھوقۇقى ئارقىلىق قارار چىقىرالايدۇ دېگەن. ماقالىدە مىكلارتىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي مەسلەھەتچىسى ستىۋىن ئوكۇننىڭ :«خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ دېمىگەن تەغدىردىمۇ ياخشىلىنىش بولمايدۇ» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ماقالىدە يەنە جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېمۇكراتلارنىڭ خىتايغا بولغان سودىدا ۋە ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش ھەرىكەتلىرىدە ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكى ۋە شۇ سەۋەپتىن ترامپنى بۇ تەرەپلەردە قوللايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئامېرېكىنىڭ سابىق سېنگاپۇرغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىسى، ھازىرقى نيۇۋ يورك ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىراففېسورى داۋېد ئادىلمەننىڭ دېمۇكراتلارنىڭ ئادەتتە سودىدا ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشقا ماھىل ۋە شۇ سەۋەپتىن ترامپ ياۋروپاغا قارشى سودا سىياسىتى يۈرگۈزمىسىلا ئۇلار ترامپنىڭ خىتايغا بولغان سودا سىياسىتىگە قارشى چىقمايدۇ دېگەن سۆزى نەقىل قىلىنغان.
-
Politico
https://www.politico.com/story/2018/11/07/trump-midterms-china-935559
بۇ ماقالىدا گەرچە ترامپ ئاۋام پالاتاسىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ خىتايغا بولغان قاتتىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتەممەيدۇ دېگەن. ماقالىدا سابىق كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتتېتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان گرېگ ماستېلنىڭ :«خىتايغا كەلسەك، مەن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى سىياسىتىدا كۆپ ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقىنى كۆرمۈدۈم. دېموكراتلار بەلكىم ھەتتا ترامپنى بۇ تەرەپتە جۇمھۇرىيەتچىلەردىنمۇ بەكرەك قوللىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزى قىستۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ترامپنىڭ خىتاينى سودا ھۇجۇمىنى ترامپقا ماھىل شىتاتلارغا قارىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا سايلىمىغا تەسىر كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىگەنلىكىمۇ دىيىلگەن. ماقالىدا يەنە سايلامنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ 30 جى نويابىردا يۈز بېرىدىغان G20يىغىنىدىكى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە سودا سىياسىتى مۇتەخەسسىسى بېل رېينچنىڭ ترامپ ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا سۈلھىي تۈزۈشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزى نەقىل قىلىنغان. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ترامپنىڭ ئەمدى دېققىتىنى 2020 جى يىلىدا قايتا سايلىنىشقا قاراتقانلىقى دىيىلگەن. بۇ ھەقتە سابىق ئاۋام پالاتا خىزمەتچىسى، ھازىرقى مەيىر براۋىن قانۇن شىركىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋارىن پەيىننىڭ :«ترامپ ئۆزىنىڭ سودا سىياسىتىنى قايتا سايلىنىشقا پايدىلىق دەپ بىلىدۇ» دېگەن سۆزى نەقىل كەلـتۈرۈلگەن.
-
Bloomberg
بۇ ماقالىدە نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ سودىدا قايتۇرما زەربىسىنى مەركەزلەشتۈرگەن شىتاتلاردا جۇمھۇرىيەتچىلەرگە پايدىسىز شارايىتنى يارىتىشى كېرەكلىكى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋال يۈز بەرمەگەنلىكى دىيىلگەن. گەرچە ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان رايونلارغا كۆپ زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ رايونلاردىكى سودا ئۇرۇشىغا قارشى بىرقانچە كاندىداتلار مەغلۇب بولغان بولسا، بىر قانچە سودا ئۇرۇشىنى قوللىغان كاندىداتلار ئۇتۇق قازانغان. شۇ سەۋەپلىك، ماقالىدا، بۇ قېتىمقى سايلام ترامپقا سودا ئۇرۇشىنى توختىتىش سەۋەبى ئېلىپ كېلىنمىگەن دىيىلگەن.
-
Nikkei Asian Review
بۇ ماقالىدىمۇ ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدەRBCكاپىتال ماركىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمىنىڭ :«ترامپنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش خەۋىپى بار» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ماقالىدا يەنە سېدنىيدىكى لوۋىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاسىيا كۈچى ۋە دېپلوماتسىيەسى پىروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى خارۋ لېماخىيۇۋنىڭ :«ترامپنىڭ دونيادا ئامېرىكا بىرىنجى دېگەن شۇئارىنى توۋلىشىغا دۆلىتى ئىچىدە قوللاش يىتەرلىك ئىكەن» دېگەن سۆزىمۇ قىستۇرۇلغان.