ئامېركا مۇئاۋىن پىرىزدىنتى مايىك پەنسنڭ خىتاي ھەققىدىكى نۇتۇقى ئۇيغۇرلار ئارىسدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى !

ئامېركا مۇئاۋىن پىرزدىنتى مايىك پەنس 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېركا پايتەختى ۋاشنگىتوندىكى ھادسۇن ئىنستېتۇتىدا ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتى ھەققىدە بىر مۇھىم تارىخى نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، مەزكۇر نۇتۇق ئامېركا ۋە خىتاينىڭ سياسى ساھەسىنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى، مەزكۇر نۇتۇقنى ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتى ھەققىدە تارىخى بىر بۇرۇلۇشتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالغانىدى.

ئاپتۇر: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-19

[ئاگېنتلىقىمزدا ئېلان قىلنغان ئىجادى ئەسەر، ئوبروز، مۇلاھىزە ۋە مۇھاكىمە ماقالىلىرى پۈتۈنلەي يازغۇچىنىڭ شەخسى كۆزقارشى ۋە ئانالىزى بولۇپ ئاگىنتلىقىمزنىڭ كۆزقارشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىز پەقەت يازغۇچىلارنىڭ كۆزقارشى، ئانالىزى ۋە تەكلىپ- پىكىرلىرىنى كەڭ خەلقىمز بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن سەھنە تەييارلاپ بېرىمىز.]

 

ئامېركا مۇئاۋىن پىرزدىنتى مايىك پەنس 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېركا پايتەختى ۋاشنگىتوندىكى ھادسۇن ئىنستېتۇتىدا ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتى ھەققىدە بىر مۇھىم تارىخى نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، مەزكۇر نۇتۇق ئامېركا ۋە خىتاينىڭ سياسى ساھەسىنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى، مەزكۇر  نۇتۇقنى ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتى ھەققىدە تارىخى بىر بۇرۇلۇشتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالغانىدى.

مەزكۇر نۇتۇق ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنپ نۇتۇق ۋە يازما شەكىلدە ئېلان قىلنغاندىن كىين، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن جەمئى ئوتتۇز مىڭ ئەتراپىدا كۆرۈلگەن ۋە ئوقۇلغان.

مەزكۇر نۇتۇق مەزمۇنىدىكى ئامېركىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ساختىپەز ۋە رەزىل ماھىيتىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، ئامېركىنىڭ خىتايغا پەقەت سودا ئۇرۇشى قوزغاپلا بولدى قىلمايدىغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا  بەزى كىشلەر ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى مۇھىملاشماقتا دەپ قارىغان بولسا، بەزىلەر ئامېركا ھۆكۈمىتنىڭ خىتاي ھاكىمىيتىنىڭ رەزىل ماھىيتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن خۇرسەن بولغان.  يەنە بىر قىسم كىشلەر، ئۇيغۇرلار نىڭ ئامېركا ھۆكۈمىتنىڭ خىتايغا بېسم چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى قەتلى قىلىشنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بەزىلەر ئامېركا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدشى ئۇيغۇرلار، شۇڭا ئامېركا ئۇيغۇرلارنى كۈچلەندۈرۈشى، تەربىيلىشى ھەمكارلىششى كىرەك دەپ قارىغان ! مۇستەقىللىق ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى، بۇنى ئامېركا ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈشى كېرەك دەپ قارىغان !

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

مالدىۋې خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقماقچى

سە نويابىر 20 , 2018
ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى ئەڭ چوڭ پارتىيە مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مالدىۋې يېڭى ھۆكىمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقماقچى، چۈنكى بۇ كىچىككىنە دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزىشى خاتا.

You May Like