ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى «ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش» دائىرىسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن

گېرمانىيە ئاۋازى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020- يىلى 15- سىنتەبىر
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇرئاگېنتلىقى2020- يىلى 17- سىنتەبىر

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، كىيىم-كېچەك، پەمىدۇر قاتارلىق بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ئەمما 14- سىنتەبىر جاكارلانغان چەكلەش بۇيرۇقى ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك كەڭ دائىرىدە بولمىغان.

(گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى) ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا مۇھاپىزەت ئىدارىسى (Customs and Border Protection, CBP) مۇۋەققەت مۇدىرى مارك مورگان (Mark Morgan) 14- سىنتەبىر دۈشەنبە كۈنى «ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش» (withhold release orders, WRO) بۇيرۇقىنى جاكارلاپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى تۆت شىركەت ۋە بىر تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ پاختا، كىيىم-كېچەك، ئېلىكترونلۇق زاپچاس قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.

چىگرا مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار قانۇنسىز، ئىنسانىيلىقتىن چىققان، ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر دوكلاتتا ئامېرىكا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) غا نىسبەتەن كەڭ كۆلەمدە چەكلەش بۇيرۇقى يۈزگۈزۈشنى ئويلىشىدۇ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، كىيىم-كېچەك، پەمىدۇر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەيدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئەمما، يېڭى چەكلەش بۇيرۇقى مۆلچەرلىگەندەك كەڭ دائىرىدە بولمىغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقى ترامپ ئەترىتىنىڭ ئىككى نەپەر ھەممىدىن خەۋەردار ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مالىيە مىنىستىرى مەنيۇچىن (Mnuchin)، سودا ۋەكىلى لايتخايزىر (Lighthizer)، دېھقانچىلىق مىنىستىرى پەردۈ (Perdue) قاتارلىق چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى چەكلەش بۇيرۇقى دائىرىسىنىڭ بەك كەڭ بولۇپ كېتىپ، ئامېرىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى مۇۋەققەت مۇئاۋىن مىنىستېرى كەن كۇچىنەلى (Ken Cuccinelli) ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە چەكلەشنى باھالاشقا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىڭ سىياسى ئامىللار ئەمەس، بەلكى قانۇنىي ئامىللار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز قانۇنىي خىرىسقا دۇچ كەلگەندە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ھەمدە <ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش> تىزىملىكىدىكى ھەر قانداق بىر تاۋارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا ئېقىپ كىرەلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىشىمىز كېرەك.»

«ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش» ئوبيېكىتلىرى

ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا ئاساسەن، مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنى چېگرا ئېغىزىدا تۇتۇپ قالىدۇ، ئەشيا ئوبوروت قىلغۇچى بۇ مەھسۇلاتلارنى باشقا دۆلەتلەرگە يوللاشنى قارار قىلسا ياكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ئەمەسلىكىنى ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

بۇ چەكلەش بۇيرۇقىدا ئىسمى ئاتالغان تۆت شىركەت بولسا: ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى (Yili Zhouwan Garment Manufacturing Co., Ltd) ، باۋدىڭ LYSZD سودا چەكلىك شىركىتى (Baoding LYSZD Trade and Business Co.) ، شىنجاڭ جۇڭغار پاختا-چىگە چەكلىك شىركىتى (Xinjiang Junggar Cotton and Linen Co.) ، خېفىي بىتلەند ئۇچۇر تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى (Hefei Bitland Information Technology Co.).

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا لوپ ناھىيىلىك چاچ مەھسۇلاتلىرى سانائەت باغچىسى (Lop County Hair Product Industrial Park) ئىشلەپچىقارغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ھەمدە لوپ ناھىيىلىك 4- تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ بارلىق تاۋارلىرىنى چەكلىدى.

ئىلگىرىكى تەتقىقات دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرىغا قامىغانلىقى، ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ شۇ سەۋەبتىن خىتايغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرىكى ئىنكاسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

مەنبە: https://www.dw.com/zh/%E7%BE%8E%E7%A6%81%E6%96%B0%E7%96%86%E5%BC%BA%E8%BF%AB%E5%8A%B3%E5%8A%A8%E5%88%B6%E5%93%81-%E6%9A%82%E6%89%A3%E4%BB%A4%E8%8C%83%E5%9B%B4%E9%80%8A%E9%A2%84%E6%9C%9F/a-54928868

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تەيۋەن خەلقئارادىن ياردەم سورىماقتا: - ھەقىقەتەن ئۇرۇش پارتىلاش خەۋىپى بار

پە سېنتەبىر 17 , 2020
بۈگۈن، يەنى 17- سىنتەبىر تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ (Joseph Wu)، فرانسىيە 24 قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ تەھدىتىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىپ كەتكەنلىگى ۋە ئۇرۇش پارتىلاش خەتىرىنىڭ زورايغانلىقىنى بايان قىلغان ھەمدە خەلقئارانىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغدىشىنى ئوچۇق تەلەپ قىلغان.

You May Like