ئامېرىكىدا ئۇيغۇرچە يەكشەنبە بازىرى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرچە يەكشەنبە بازىرى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 30-نويابىر

ئەخمەتجان 

‎ ئامېرىكا ۋېرگىنىيە شتاتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىلھاملاندۇرۇلغان كۈنلۈك بازار ، 28-نويابىر يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 11 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كىچە ئۆتكۈزۈلدى.

‎ تەشكىللىگۈچىلەر «ئۇيغۇر بىز» شىركىتى بولۇپ، ئۇنى ۋېرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە يۇقۇملۇق مەزگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىچىك ئۇيغۇر كارخانىلارنى قوللاش ۋە ئۇيغۇر مەسچىتى قۇرۇشقا ئىئانە توپلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

‎ تەشكىللىگۈچىلەر يەنە مۇنداق دېدى: «بىز كىشىلەرنى بىر يەرگە توپلاپ ، ئۇيغۇرلارنى جامائەتلىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئامېرىكىدا ساقلاپ قىلىشقا كۈچەيمىز. مەدەنىيەت پەقەتلا سەنئەت ئەمەس.  ئۇ قول ھۈنەر-سەنئەت ۋە يېمەكلىكتىمۇ ئىپادىسىنى تېپىپ ، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئارىسىدا كۆۋرۈك ھاسىل قىلىدۇ».

‎ بۇ كۈنلۈك بازارغا تەخمىنەن ئىككى مىڭ كىشى كەلگەنلىكى مۆلچەرلەندى. تەشكىللىگۈچىلەر يەنە ئۇيغۇر يەكشەنبە بازىرىنى پەسىللىك ئۆتكۈزۈشنى، كېلەر قېتىم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى. 

«ئۇيغۇر بىز» شىركىتى يەنە تور سودىسى ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر سودا -كارخانىچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشنى يولغا قويغان بولۇپ، uyghurbiz.us ئارقىلىق ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالالايسىز.

 

ئۇيغۇر بازار تورىنىڭ پائالىيەت توغرىسىدىكى تەپسىلاتى:

https://uyghurbazar.us/uyghurbazar_2021_news/

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۈچۈنچى قېتىملىق ئاناتولۇ سەپىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

چا دېكابىر 1 , 2021
ئۈچۈنچى قېتىملىق ئاناتولۇ سەپىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

You May Like