ئ‍امېرىكا ۋېرگىنيە شتاتىدا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى يېڭى ئورنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۇتۇقلۇق ئىلىپ بىرىلغان.

مەنبەسى: ئۇيغۇر ئسلام مەركىزى

9-ئاينىڭ 7- كۈنى ۋېرگىنيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى» سېتىۋالغان يېڭى مەسجىد ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۆتكۈزدى .

بۇ پائالىيەتكە مەركەز ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئۇيغۇر جامائىتىدىن باشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرى (تېكساس، نىيۇيورۇك، فىلورىدا، پېنسلۋېينىيە) دىن ئۇيغۇر، ئۆزبەك، تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ئىسلام تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۈركىستان تەشكىلات ۋەكىللىرى بۇلۇپ 300 يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

مۇراسىم ئارسلان ھىدايەت قېرىندىشىمىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇر قارىلىرىمىزنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن زۇلپىقار مۇستافا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ 2021-يىلى قۇربان ھېيتتا قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۈچ يىل جەريانىدىكى خىزمەتلىرىنى ۋە تەرەققىياتىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارسلان ئابدۇرازىق بۈنىڭدىن كىيىنكى پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويدى .مۇھەممەد ئۇيغۇر قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىقتىساد توپلاش جەريانى، سوممىسى، ئىشلىتىلىشى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالنى تەپسىلى تونۇشتۇردى .

تەكلىپلىك مېھمان دارۇلنۇر مەسجىدىنىڭ رەئىسى ۋە ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى رافى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇستەقىل بىر مەركەزنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياردەم قىلىش ھەممە مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرىز ئىكەنلىكى توغرسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

مۇراسمدا يەنە، ئامىرىكىدىكى داڭلىق دەۋەتچى ئىمام ياسىر قازى ۋە ئۆمەر سۇلايماننىڭ ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ يوللىغان ۋىدىيولۇق تەبرىك سۆزى قويۇلغان

كىيىن بۇ جاينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان قەرزنى قايتۇرۇش ۋە رېمونت ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھاياجانلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. فىلادىلفىيە بۇخارى ئۆزبەك مەسجىدى، تېكساس جامائىتى، دارۇلنۇر مەسجىدى، ئىككى ئۇيغۇر ھاجىم ئاكىمىز ۋە يەرلىك ئۇيغۇر جامائەتلىرىمىزنىڭ بەس-بەستە ئىئانە بېرىشى بىلەن قىسقىغىنە يېرىم سائەت ئىچىدە 225 مىڭ دوللار پۇل نەق ۋە ۋەدە قىلىنىپ توپلانغان.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تەسىرلىك نوقتىسىنىڭ بىرى ئىككى ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت پۇللۇق تويلۇق ئۈزۈك ۋە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئىئانە قىلىپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭ كىم ئارتۇق قىلىنىپ سېتىۋېلىنىپ ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە قايتۇرلىشى بولغان.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەرد-ئېسللىگى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەرلىرنىڭمۇ قىز-ئاياللىرىمىزنى ۋە ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنى قوغدايدىغان ئەنئەنىسى ھەممەيلەننى ھاياجانلاندۇرغان.

پائالىيەت ئاخىرى ئىمامىمىز ئابدۇرازاق قارى مەسجىدنىڭ مۇھىملىغى ۋە جامائەتنىڭ رولى ھەققىدە سۆزلىدى ۋە دۇئا قىلدى. ئاخىرى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى پىدائىلىرى تەييارلىغان پولو، سامسا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن كەچلىك تاماق تارتىلدى ۋە جامائەتنىڭ مەركەزنى ئەركىن زىيارەت قىلىشىلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان.

See insights

Boost a post

Like

Comment

Share

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پۇل تېپىشنى بىلىدىغان 16 خىل ئادەم

پە سېنتەبىر 12 , 2024
1. ئەقىللىق ئادەملەر مەكتەپتە ئۆگىنىشى ياخشى ياكى ناچار بولىشى بىلەن تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىش پۈتۈنلەي ئىككى خىل ئىشتۇر، ئوقۇشى ياخشى بولسا تىجارىتى چوقۇم ياخشى بولىشى ناتايىن، تىجارەت قىلىش كاللىنىڭ ئۆتكۈر، ھەرىكەتچان بولىشى، ئويلىغاننى قىلالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 2. ئىش بېجىرىش قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئادەملەر ئەگەردە پۇل تاپقىلى […]
پۇل تېپش

You May Like