ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن ختاينىڭ يەنە 3 شىركىتىنى چەكلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى: 12-ئىيۇن

مەنبەسى: ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ۋە نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى

ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى(Department of Homeland Security)-تۈنۈگۈن ختاينىڭ ئۈچ شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىغا مەھسۇلات كىرگۈزۈشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
بۇ شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى، 2021-يىلى ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»دىكى، ختاي ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن چەكلىنىدۇ.

بۇ شىركەتلەر:شەندوڭ مېجىيا گۇرۇھى (Shandong Meijia Group)-شەندوڭدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شېركىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئەزان باھادا سېتىۋېلىپ، زاۋۇتلىرىدا قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن.

شنجاڭ شنخوڭ كۆمۈر ۋە ئىلېكتىر شركىتى (Xinjiang Shenhuo Coal and Electricity)، ماشنلاردا ئ‍شلىتىدىلىدىغان ئاليۇمىن پششىقلاپ ئ‍شلەپچىقىرىدىغان شركەت.
يەنە بىرى گۇۋاڭدۇڭنىڭ دوڭگۇۋەن شەھىرىگە ئۇيغۇرلارنى يالاپ ئاپىرىپ قۇل قىلغان دوڭگۇەن يېشلزارلىق ئاياقچىلىق شركىتى (Dongguan Oasis Shoes)
بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قارا تېزىملىككە كىرگۈزگەن شركەتلەرنىڭ تېزىملىكى 68 كە يەتكەن بولۇپ، بۇ شركەتلەر ئىلكتىرون، كىيم-كىچەك، قۇياش ئىنىرگىيەسى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، پاختا توقۇمىچىلقىق ساھەلەردىن كەلگەن.
ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسزلىك منستىرلىكى مۇئاۋىن منستىرى روبىرىت سىلۋىرىز( Robert Silvers)بۇ تېزىملىكنىڭ داۋاملىق قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

«رەقەملىك يۇرت»ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسيادا ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى

چا ئىيۇن 12 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ئېيۇن ئاممىۋى مۇناسىۋەت كەسپى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئالمائاتالىق 36 ياشلىق ئۇيغۇر ياش سەئىد 2022-يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ئ‍نستگرامدا «رەقەملىك يۇرت» نامىدا مەزمۇن ئ‍شلەپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تارقاتماقچى،قوغدىماقچى بولغان. ئونلىغان ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇن ئ‍شلەپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەركىن ياۋروپا رادىئ‍وسىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان سەئىد ماھىموۋ ( Said Maximov […]

You May Like