ئامېرىكا تەتقىقات ئورگىنى: دوۋ يىن (تىك توك ) جاسۇسلۇق دىتالى بولۇپ، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاش ھوقۇقى بار

چوڭ قۇرۇقلۇق مېدياسى ئامېرىكا پېتىرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ ماقالىسىنى نەقىل قىلغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ يانفون ئەپ دېتالى دوۋ يىن ئاللىبۇرۇن غەربكە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كەلدى دېيىلگەن.

خوڭكوڭ جىياڭۋېن تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 13- يانۋار

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-13

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

چوڭ قۇرۇقلۇق مېدياسى ئامېرىكا پېتىرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ ماقالىسىنى نەقىل قىلغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ يانفون ئەپ دېتالى دوۋ يىن ئاللىبۇرۇن غەربكە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كەلدى دېيىلگەن.

ماقالە ئاپتورى كلاۋدىئا بىئانكوتىنىڭ قارىشىچە، دوۋ يىن  ( خەلقئارا نۇسخىسى تىك توك) كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇلازىمەتچىسىدە ئاز بولمىغان ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرى ساقلانغان. ھالبۇكى، خىتاي قانۇنى خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ‹‹ جامائەت بىخەتەرلىكى›› نى قوغداش ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىدىن ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرىنى تەلەپ قىلىشقا يول قۇيىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر دوۋ يىن بۇ خەلقئارا مۇلازىمەتچىسىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتايغا يوللاش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرسە، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە، بۇلۇپمۇ غەربكە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كىلىدىكەن.

ئاپتور يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتايدىن كەلگەن دېتاللارنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن بىتەرەپ قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان، چۈنكى خىتايدىن كەلگەن ھەر قانداق دېتال خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ‹‹ جاسوسلۇق پائالىيىتى›› ۋە ‹‹ خەلق رايىغا سىڭىپ كىرىش›› قورالىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

http://hkjam.com/?p=12579#

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

كانادالىق روبېرت شېللېنبېرگ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن دالىيەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

دۈ يانۋار 14 , 2019
خىتاينىڭ بىر سوت مەھكىمىسى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتى بىلەن كانادالىق جاۋاپكار روبېرت شېللېنبېرگنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

You May Like