ئامېرىكا تېڭشۈن، نىڭدې شىركىتىنى «ختاينىڭ ئارمىيەگە چېتىشلىق كارخانىلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-يانۋار

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چېقىرىپ، ختاينىڭ تېڭشۈن، نىڭدې شىدەي شىركىتىنى «ختاينىڭ ئارمىيەگە چېتىشلىق كارخانىلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرىنىڭ مەزكۇر شركەتلەر بىلەن ھەمكارلىششنى توختىتىش ۋە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشدىن دىرەك بىرىدۇ.

بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ خىتاي باياناتچىسى گوجىياكۈن مۇنداق دىگەن: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىشىگە، تۈرلۈك نامدىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك تىزىملىكنى تەسىس قىلىشىغا ئىزچىل قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى يولسىزلارچە بېسىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى توستى. جۇڭگو خەلقىنى تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قاراشقا بولمايدۇ. بىز ئامېرىكا تەرەپنى خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا قارىتىلغان قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازالاش ۋە «ئۇزۇن قوللۇق باشقۇرۇش»نى دەرھال بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تېبەتنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە 126 ئادەم قازا قىلدى، 188 ئادەم يارىلاندى

چا يانۋار 8 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-يانۋار ختاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قامال قىلغان ئەھۋالدا تارقالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېبەت رىكازې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مۇنداق خەۋەر بەرگەن: دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سائەت 19 غىچە، دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە 126 ئادەم قازا قىلغان، 188 ئادەم يارىلانغان، 28 نەپەر ئېغىر كېسەل شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ قۇتقۇزۇلغان؛ 3609 ئۆي […]
تېبەت يەر تەۋرەش

You May Like