ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئەسلى مەنبەسى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى
قسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان
ئامېرىكا تايلاند ئۇيغۇرلارنى ختايغا قايتۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، بىر نەچچە قېتىم ئۇلارنى يەرلەشتۈرۈش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر تايلاندقا بىر نەچچە قېتىم تەكلىپ بېرىپ، 40 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ختغا قايتۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇ كىشىلەر ختايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە ئۇلار قىيناش ۋە باشقا زوراۋانلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى Associated Press نىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن: «بىز تايلاند بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ۋەزىيەتنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە، جۈملىدىن ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا يەرلەشتۈرۈش تەكلىپىنى دائىملىق ۋە قايتا-قايتا سۇنۇپ كەلگەنىدۇق» دېدى.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن-مىنىستىرى رۇس جالىچاندىرا، بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ جىددىي تەكلىپى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇخبىرلارغا: «ئەگەر بىر ئۈچىنچى دۆلەت ھەقىقەتەن بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلماقچى بولسا، ختاي بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تايلاندنىڭ ئۇلارنى شۇ دۆلەتكە يۆتكىلىشىگە قوشۇلۇشى كېرەك ئىدى» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تايلاندنىڭ بۇ قارارىنى « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىين -قستاققا قارشى كېلىشىمىگە خىلاپلىق» دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكا ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش ئۈچۈن بېجىڭنىڭ رۇخسىتىگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
«زىيانكەشلىككە ياكى قىيناشقا دۇچ كېلىش خەۋپى بار شەخسلەرنى زورلۇق بىلەن قايتۇرماسلىق مەجبۇرىيىتى زىيانكەشلىك قىلغۇچى دۆلەت بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باغلىق ئەمەس» دېدى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، بۇ يەردە «زورلۇق بىلەن قايتۇرۇش» دېگەن سۆز پاناھلىق ئىزدىگۈچىلەرنى زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
مىنىستىرلىك يەنە «بىر نەچچە ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە ھەمكارلىرىمىز» يىللاردىن بۇيان ئۇلارنى يەرلەشتۈرۈش پىلانىغا قاتناشقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى، لېكىن تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات بەرمىدى.
رۇس، تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى ختايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى -بېجىڭنىڭ ئەگەر ئۇلارنى باشقا جايغا پاناھلىققا يول قويسا، قارشى تەرەپتىن كىلىدىغان ئىنكاستىن قورقۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئۇلارنى ئۈچىنچى دۆلەتكە يۆتكەشتىن تەيلاندقا كېلىدىغان تەسىر چوڭ بولاتتى» دېدى ئۇ. «بۇ بىزگە رېئاللىق پايدا ئەمەس ئىدى.»
تايلاند تۇتقۇنخانىسىدىكى ئۇيغۇرلار 2014-يىلدىن 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە 11 يىلدىن ئارتۇق قامالغام بولۇپ، شۇ كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن كېيىن كۆپچىلىكى دېرىزىلىرى قارا رەڭگە بويالغان ماشىنىلاردا يوشۇرۇنچە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىگە ئايروپىلاندا يۆتكەلگەن. سەككىز نەپەر يەنىلا تەيلاندتا قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئېنىق ئەمەس.
Human Rights Watch ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ قايتۇرۇشلارنى تەيلاندنىڭ ئىچكى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلىرىغا خىلاپلىق دەپ ئەيىبلەپ، «بۇ كىشىلەر ئەمدى ختاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىينىلىش، مەجبۇرىي غايىب قىلىنىش ۋە ئۇزاق مۇددەت تۇتۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى باشلىقى ۋولكېر تۈركمۇ تەيلاندنىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى قانۇنلىرى ۋە ستاندارتلىرىنى بۇزغانلىقىنى ئېيتىپ، دۆلەتنى قالغان ئۇيغۇرلارنى ختايغا غا قايتۇرماسلىققا چاقىرغانىدى.
ئۇ ختايدىن ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى ۋە «ئۇلارغا خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى ستاندارتلىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» نى تەلەپ قىلدى.
ختاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لىن جيان تۈركنىڭ «دۆلەتنىڭ ئىچكى ئشلىرىغا ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشى» كېرەكلىكىنى ئېيتىپ جاۋاب قايتۇردى ۋە ختاي ياكى تەيلاندنىڭ ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.