ئامېرىكا ئورىگون شتاتى پورتلاند شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ئەھۋالى ئاڭلىتىلماقتا

26 – ئاپرىل، تاھىر ئىمىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئورىگون شتاتىدىكى پائالىيەتلىرى يەنە ئسلام مائارىپ مەركىزىدە لېكسىيە سۆزلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەرلىك مۇتەخەسىسلەر، مۇسۇلمان ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-27

تەكلىپكە بىنائەن، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى، سىياسەت پەنلىرى تەتقىقاتچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان 26-ئاپرىل ئامېرىكا ئورىگون شتاتى پورتلاند شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردە داۋاملىشىدىغان تۆت كۈنلۈك پائالىيىتىنى باشلىدى.  بۇ سەپەردىكى پائالىيىتىنىڭ تۇنجىسى سۈپىتىدە ئىنتل گۇرۇھىنىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى تېخنىكا مەركىزىدە لېكسىيە بەردى.  بۇ لېكسىيىگە ھەر ساھە زاتلىرىدىن يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، تاھىر ئىمىن ئۇلارغا خىتتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىن چۈشەنچە بېرىشنى ئاساس قىلغان ھالدا، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرغا، كەڭ مەنىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزىۋاتقان جىنايەتلىرى، يەر شارى سىتراتېگىيىسى ۋە خىتتاينىڭ تېخنىكا ساھەسىدىكى جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ يەنە خىتتاينىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنى يورۇتۇپ بېرىش بىرگە، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ھەرىكەت، ياردەملىرى ھەققىدىكى ئىمكانىيەتلەرنىمۇ تونۇشتۇردى.

26 – ئاپرىل، تاھىر ئىمىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلدى.  ئۇنىڭ ئورىگون شتاتىدىكى پائالىيەتلىرى يەنە ئسلام مائارىپ مەركىزىدە لېكسىيە سۆزلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەرلىك مۇتەخەسىسلەر، مۇسۇلمان ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 18

Next Post

تەرجىمە:ئامېرىكا ئاۋازى: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت باش كاتىپىغا مەكتۇب يېزىپ، ئۇنى شىنجاڭدىكى (ش ت) كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى

شە ئاپرېل 27 , 2019
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسكە (Antonio Guterres) مەكتۇب يېزىپ، گۇتېررېسنى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) بىر مىليون مۇسۇلماننى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

You May Like