ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بۇ ۋاقىتتا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدۇ؟

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

2019-يىلى 10-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو سەيشەنبە كۈنى (10-ئاينىڭ 8-كۈنى) شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قارار ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ خىتايدىكى 28 ئورگانغا، 20 ج خ ئورگىنى ۋە 8 شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش قارارىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى خوشال قىلغان خەۋەر ۋە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئاتقان ئەمەلىي قەدەملىرىدىن تۇنجىسى ھېسابلىنىدۇ. شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم 70يىلدىن بېرى ھەرخىل شەكىلدە دۇنياغا ئاڭلىتىلىپ كەلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدا ئەڭ كۆپ ئاڭلىتىلدى. بىلمىگەن بىلدى. ھەرخىل يىغىنلار ئېچىلدى. چوڭ -كىچىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن تاشقى دۇنيانىڭ ئاۋازسىز قېلىشى، ياكى ئەمەلىي بىر ھەرىكەت قىلماسلىقى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ياراتقانلىقى ئېنىق. دەردىمىزنى ئىچىمىزدە بىلىۋاتقانلىقىمىزمۇ ئېنىق.

ئەمدى تېمىغا قايتىپ كەلسەك تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بالدۇر ئەمەس كېيىن ئەمەس بۇ ۋاقىتتا بۇ قارارنى بېرىشى زادى نېمە ئۈچۈن؟

كانادادا ياشاۋاتقان خىتاي پائالىيەتچى ۋېن جاۋ ئ‍ۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ: ئۇنىڭ قارىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى كونگرېسنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. بۇ قارارلارنىڭ ئېلىنىشى ئېنىق ئىدى. لېكىن قاچان بولىشى نامەلۇم ئىدى. ھۆكۈمەت كونگرېسنىڭ قارارلىرىغا سەل قارىيالمايدۇ. تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇ ۋاقىتتا بۇ تاكتىكىنى قوللىنىشى 10-ئايدا خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتتە خىتايغا تەھتىت ئېلىپ كېلىشتۈر. ئەگەر دېگەن يېرىمگە كەلمىىسڭىز بۇ قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن دېيىشتىن ئىبارەت. ھەم بىر چالمىدا نەچچە  پاختەك سوقۇش، كونگرېسنىڭ قارارىغا جاۋاپ قايتۇرۇش، ئۇيغۇر داۋاگەرلىرىگە بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا دېيىش. خىتاينىڭ ئەجەللىك يېرىدىن تۇتۇش.

ئەلۋەتتە ھېچقانداق دۆلەتتىن ئەمەلىي بىر ھەركەت بولمىغان شارائىتتا بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىمۇ ئادەمنى ئازراق خوش قىلىدۇ. ئەمما مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە كەلسەك شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ئۆزىنى ھەرخىل ساھەدە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشقان سەۋىيە يېتىلدۈرۈش ۋە بىر مۇسۇلمان خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھقا ھەقىقىي  يۈزلىنىپ ئىسلامدا تەلەپ قىلىنغان ئۆلچەمدە ياشاشتىن باشقا يولنىڭ يوقلۇقىدىن ئىبارەت بىر سىگنال ھەر تەرەپتىن كېلىپ تۇرىدۇ.

مەنبە:

https://iuyghur.com/?p=12636

https://www.youtube.com/watch?v=5INJImZT100&feature=youtu.be

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

2019-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېفىئوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەدكە بېرىلدى

جۈ ئۆكتەبىر 11 , 2019
2019-10-11 شۇ يەر ۋاقتى 11-ئۆكتەبىر جۈمە چۈشتىن بۇرۇن نورۋېگىيە نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېفىئوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەدكە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. مۇكاپاتلاش سەۋەبىدە: ئابى ئەھمەد دۆلىتىنى يېتەكلەپ، قوشنا ئېرىترىيە بىلەن بولغان توقۇنۇش ۋە چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دېيىلگەن.

You May Like