ئامېرىكا مارىلاند شىتاتى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

‹‹ئۈممەت ئۇيغۇر ئويغىنىش ئىتتىپاقى›› نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيىتى مارىلاند شىتاتى پىگما ئىجتىمائى رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى.

2019- يىلى 28- يانۋار

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

‹‹ئۈممەت ئۇيغۇر ئويغىنىش ئىتتىپاقى›› نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيىتى مارىلاند شىتاتى پىگما ئىجتىمائى رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى، سىياسەت پەنلىرى ئوقۇغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ‹‹خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇرۇشى›› دىگەن تېمىدا ئاساسى لېكسىيە بەردى. زەينەپ ئابدۇللا، دوكتۇر ئابدۇراھمان ‹‹ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتى›› دىگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

ھەر قايسى ئىجتىمائى رايون ئاھالىسىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئاڭلىغۇچى قاتناشقان بۇ پائالىيەت 2 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ب ب س: كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

دۈ يانۋار 28 , 2019
كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون مەككالىم (John McCallum) باش مىنىستىر تىرودونىڭ تەلىپى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

You May Like