ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئىلان قىلىپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات، مىس، لىتىي، كاۋستىك سودا، چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى بويىچە چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مۇنداق دېگەن:
«بۈگۈن @Sec_Noem ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە خىتاينىڭ يېڭى سانائەت ساھەلىرىنى يۇقىرى مۇھىملىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا پولات، مىس، لىتىي، كاۋستىك سودا ۋە چىلان قاتارلىقلارنى يۇقىرى مۇھىملىك تارمىقلار تىزىملىكىگە قوشتى، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان خىتاي مالىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنى چەكلەيدۇ.»
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مىنىستىرى كرىستىن نوئەم مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە خەتەر سالىدىغان تەھدىتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەخلاقىي، ئىقتىسادىي ۋە مىللى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا خەلقىنى نامۇۋاپىق ئورۇنغا چۈشۈرىدىغان ۋە ئىقتىسادىي ئۆسۈشىمىزنى چەكلەيدىغان ئادالەتسىز سودا ھەرىكەتلىرىمۇ بار. ترامپ ھۆكۈمىتى تەدبىر كۆرۈۋاتىدۇ. قۇل ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى يىرگىنىشلىك ۋە بىز خىتاي شىركەتلىرىنى سۇئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكار قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەمەلىياتلىرىنىڭ گۈللىنىشىمىزگە سالىدىغان تەھدىتىنى يوقىتىمىز.»