ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئۇيغۇرلارغا قارشىى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا «يېقىن» جىنايەت سادىر بولماقتا

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئو برەيىن مۇنداق دېدى: خىتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا «يېقىن» جىنايەت سادىر قىلماقتا. بۇ ھەپتە مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى پوتتىنگېر خىتاينىڭ چېگرا ئىچىدە «يىغىۋىلىش لاگېرلىرى» نى داۋاملىق ساقلاپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

گىرمانىيە ئاۋازى، 2020-10-23
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-24

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئو برەيىن مۇنداق دېدى: خىتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا «يېقىن» جىنايەت سادىر قىلماقتا. بۇ ھەپتە مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى پوتتىنگېر خىتاينىڭ چېگرا ئىچىدە «يىغىۋىلىش لاگېرلىرى» نى داۋاملىق ساقلاپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

1
ماتېرىيال رەسىم: خوتەن ئەتراپىدىكى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى»

 

گېرمانىيە ئاۋازى جۈمە (23- ئۆكتەبىر) كۈنى مۇنداق خەۋەر بەردى: ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماتېۋ پوتتىنگېر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ چېگرا ئىچىدە «يىغىۋىلىش لاگېرلىرى» نى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا ھېچقانداق سەۋەبىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى.

 

پوتتىنگېر پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى مۇھىم شەخس بولۇپ، ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ سىياسەت ئاقىللار ئامبىرى بىلەن توردا سۆزلەشكەندە، يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان. پوتتىنگېرنىڭ كۆرقارىشى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يىلقى پرېزىدېنت سايلىمىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى ترامپنىڭ خىتايغا بولغان قاتتىق مەيدانى ئۇنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى مۇھىم تېمىغا ئايلاندى.

 

ئالدىنقى ھەپتە روبېرت ئو برەيىن: «خىتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېقىن جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ.» دېدى.

 

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ ھەمدە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقان ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزىۋاتىدۇ.

 

ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ قىلمىشىنى ھازىرغىچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ باقمىغان ئىدى. بۇ خىل ئاتاشنىڭ قانۇنىي ئەھمىيىتى زور بولۇپ، خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 

ب د ت شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، پائالىيەتچىلەر ئۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى دەۋاتىدۇ. خىتاي بولسا قانۇنسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، يىغىۋىلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇشنىڭ ئاساسلىقى كەسپىي تەربىيىلەش ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.

 

پوتتىنگېر بۇ سۆزنى قىلغان ئوخشاش بىر كۈندە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشەنگە ياردەم بېرىش» ىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە: «بىز دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايمىز.» دېدى.

 

شى جىنپىڭ سۆزىدە ئامېرىكىنى بىۋاستە تىلغا ئالمىدى. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودا-سېتىق، پەن-تېخنىكا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە سۈركىلىش يۈزبەرمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكىتى

يە ئۆكتەبىر 25 , 2020
بۈگۈن نيۇيورك يەشۇئا ئۇنىۋېرستېتىدا رابباي جوزىف بىلاۋ بىلەن «ئۇيغۇر ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇش بېرىمىز.

You May Like