ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 24-ئېيۇل

ئامېرىكا دۆلەت ئ‍شلىرى منسترلىكىنىڭ باياناتچىسى تامى برۇس 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشنى ئۈچىنچى قېتىم جاكارلىشى.

برۇس ئېلان قىلغان بىر پارچە باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشىدىكى سەۋەب مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرلىك جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.بۇ ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ».

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشى 2026-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن ئىككى قېتىم چېكىنىپ چىققان. 1984-يىلى، ئامېرىكا مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا چىرىكلىك ۋە باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت دېگەننى سەۋەب قىلىپ، بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن 2003-يىلى قايتىدىن ئەزا بولغان. 2017-يىل 10-ئايدا، ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان. 2023-يىلى، ئامېرىكا يەنە بۇ تەشكىلاتقا قايتىپ كەلگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

چىرايلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىشى توغرىسىدىكى نەق مەيدان ۋىدېئو كۆرۈنۈشى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

جۈ ئىيۇل 25 , 2025
، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-ئېيۇل خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر-خىتاي ئارىلاشما نىكاھ توغرىسىدىكى مەزكۇر ۋىدېئو – ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەلقئارا قاناللىرى ئارقىلىق – ئۇيغۇر تايمىز ئىنگلىزچە، تۈركچە، گېرمانچە، خىتايچە تىل قاناللىرىدا – تارقالغاندىن كېيىن يۈز مىڭدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىكى يەنە بىر قورالى بولغان مەجبۇرىي ئارىلاشما نىكاھ ۋاستىسىنىڭ قەبىھلىكى […]
ئۇيغۇر قىزى-ختاي

You May Like