ئامېرىكا ئاۋازى: قىرغىزىستان خەلق ئاممىسى ھۆكۈمىتىگە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

يۈزلىگەن پائالىيەتچى پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھەر مەركىزىدىكى ئالاتاۋ مەيدانىغا توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، قىرغىزىستاندىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلەر كۈنسىرى كۆپىيىپ كەتكەن. قىرغىزىستان خىتايغا قوشنا دۆلەت بولۇپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 17- يانۋار

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنلىقى

2019-01-17

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

يۈزلىگەن پائالىيەتچى پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھەر مەركىزىدىكى ئالاتاۋ مەيدانىغا توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، قىرغىزىستاندىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلەر كۈنسىرى كۆپىيىپ كەتكەن. قىرغىزىستان خىتايغا قوشنا دۆلەت بولۇپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ھۆكۈمەتكە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، دۆلىتىگە قايتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ھۆكۈمەتنى ئۇلارغا پۇقرالىق سالاھىتى بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدى.

نامايىش قىلغان خەلق ئاممىسى يەنە خىتاي دۆلىتىدە ياشاۋاتقان قىرغىزلارغا بولغان قوللىشىنى بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۇلار خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ›› دېدى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى ئالماز ئىمانغازىيېۋ نامايىشچىلار بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ئۇلارغا خىتايدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇنلۇق ئولتۇراقلاشقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بۇ دىپلوماتنىڭ سۆزىگە قوشۇلمىدى، ئۇلار قىرغىزىستاندىكى بارلىق خىتاي كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تېپىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى، بىشكەكتە بۇنىڭغا ئوخشاش نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى كۆپ يۈز بەردى. قىرغىزىستان پرېزدېنتى سورونباي جېنبېكوۋ يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ، قىرغىزىستان – خىتاي مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئورۇنغان كىشىلەرنىڭ ‹‹ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى ›› ئېيتقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 8- ئايدا بىلدۈرۈشىچە، بىر مىليون ئەتراپىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) لىق مۇسۇلمان » ترورىزىمغا قارشى مەركەز» لەرگە قامالغان. ب د ت نىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، باشقا مىليونلارچە كىشى قايتا تەربىيىلەش لاگېرىغا سولانغان. خىتاي ئۇ ئەسلىھەلەرنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان، ھەمدە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت ) دىكى دائىرىلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىمۇ رەت قىلغان.

ئۇيغۇرلار شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى ئەڭ چوڭ يەرلىك ئاھالە بولۇپ، ئۇلاردىن قالسا قازاقلار بار. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا يەنە قىرغىز، تاجىك ۋە تۇڭگانلار ياشايدۇ. خىتاي مىللىتى خىتايدىكى نۇپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت بولۇپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى ئىككىنچى چوڭ توپلۇم.  

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/Hundreds-Protests-In-Bishkek-Against-Chinese-Migrants-20190117/4746868.html?utm_source=dlvr.it&utm_medium=twitter

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

يالغان سۈرەتلەر، ساختا پاكىتلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش چاقىرىقى

پە يانۋار 17 , 2019
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا،

You May Like