ئامېرىكا ئاۋازى: بېيجىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلار ئاسىيادىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتكەن

2019-09-07
ۋاشىنگىتون- رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇنداق دوكلات قىلغان: ئىككى نەپەر ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە ئىككى نەپەر تور بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلار ئاسىيادىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ تور سىستېمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلىغانلىقى ۋە كۆزەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-09-07

ۋاشىنگىتون- رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇنداق دوكلات قىلغان: ئىككى نەپەر ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە ئىككى نەپەر تور بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلار ئاسىيادىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ تور سىستېمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلىغانلىقى ۋە كۆزەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ خاككېر ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي قىسىم شەخىسلىرى قاتارلىق «يۇقىرى قىممەتلىك شەخسلەر» نىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى تور جاسۇسلۇقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. لېكىن، خىتاينىڭ ھازىرقى دۆلەت ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىشنىمۇ مۇھىم بىر نىشان قىلغان.

خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلغان تور ھۇجۇمى، خىتاينىڭ چېگرا سېرتىدىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ بىر بۆلىكى ھېسابىدا، خىتاينىڭ ئوخشاش بولمىغان خاككېرلار تەشكىلاتلىرى، تۈركىيە، قازاقىستان، ھىندىستان، تايلاند ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېلېگراف تور سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىپ كىرگەن.

بۇ دۆلەتلەر بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كېلىشتىكى ئۆتەڭ دۆلەتلەردۇر. خىتاي مۇنۇلارنى ئىپادىلىدى: ساياھەتچىلەر(ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇماقچى) بۇ يوللار ئارقىلىق سۈرىيە ۋە ئىراققا بېرىپ، شۇ يەرلەردىكى قۇراللىق كۈچلەرگە ياردەمدە بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭدا (ش ت) تەدبىر قوللىنىلىپ، ئىسلام رادىكاللىقىنىڭ تەھدېتىنى تىزگىنلەش كېرەك.

خىتاي كۆپ قېتىم شىنجاڭدىكى (ش ت) ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دېنى ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئۆزىنىڭ تور ھۇجۇملىرى قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ھەرقانداق خاككېر ھۇجۇمىنىڭ بىر كۈچكە ئىگە ئىسپاتى بولىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى ۋولىكىسىيتي (Volexity) بۇ ھەپتە بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، خاككېرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفون ۋە ئېلىكترونلۇق پوچتا ساندۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىك قىلمىشلىرى تەپسىلى بايان قىلىنغان.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/CHINA-HACEKED-ASIAN-TELCOS-TO-SPY-ON-UIGHUR-TRAVELERS-20190905/5071131.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خوڭكوڭ ھۈكۈمىتى نامايىشتىكى ئاكتىپ زاتلارنى قولغا ئالدى

يە سېنتەبىر 8 , 2019
30-ئاۋغۇست ئەتىگەندە خوڭكوڭ ھۈكۈمىتى خىتايغا قارشى نامايىشىتىكى ئاكتىپ زاتلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى.

You May Like