ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىدا ئالتە سائەت ماڭدى

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ 29-مارت ئېيتىشىچە، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى ئىككى ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى شۇ كۈنى بىر قېتىمدىلا ئالەم بوشلۇقىدا ئالتە سائەت ماڭغان.

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ 29-مارت ئېيتىشىچە، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى ئىككى ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى شۇ كۈنى بىر قېتىمدىلا ئالەم بوشلۇقىدا ئالتە سائەت ماڭغان. بۇ ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاندرېۋ فۇستېل بىلەن رىچ ئانودنىڭ 23-مارت رۇسىيەنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ بوشلۇق پونكىتىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىشى بولۇپ، ئالتە سائەت 10 مىنۇت ماڭغان. ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى پونكىت سىرتىغا ئىككى سىمسىز خەۋەرلىشىش ئانتېناسى ئورناتقان، بىر كاشىلا كۆرۈلگەن كامېرانى ئالماشتۇرغان ھەمدە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسىدىن بىرقانچە يۇمشاق نەيچىنى ئېلىۋەتكەن. بۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق مېڭىش، شۇنداقلا 1998-يىلىدىن بۇيانقى 209-قېتىملىق مېڭىش ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش ۋاقتى جەمئىي 54 كۈن 10 سائەتكە يەتتى. ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى «قارچىغا 9» ناملىق راكېتانى قويۇپ بېرىپ، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا تەمىنات يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا يەنە 15 سەييارە بايقالدى

پە ئاپرېل 26 , 2018
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تورىنىڭ 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەييارە «تۇتقۇچى» كېپلېر تېلېسكوپى «ئاخىرقى ئۆمۈر» يەنە يېڭى نەتىجە ياراتقان. يېقىندا ياپونىيە ئالىملىرى كېپلېر تېلېسكوپى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە يەر يۈزى كۆزىتىلگەن سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، قىزىل پەتەك يۇلتۇزنى بويلاپ ئايلىنىدىغان يېڭى 15 سەييارىنى بايقىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سەييارىنىڭ يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

You May Like