ئامېرىكا 2024-يىللىق مۇداپىئە ئ‍ۈچۈن 883  مىليارد دوللارلىق  خامچوتىنى ماقۇللىدى.ختاي نارازىلىق بىلدۈردى

ئەركىن، ئۇيغۇر ئاگنېتلىقى، 27-دېكابىر

ئامېرىكا پىرەزدىنتى بايدىن 22-دېكابىر «2024-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇردى، بۇ قانۇن لايىھەسى خيتايغا چېتىشلىق مەزمۇنلاردا تەيۋەننى قوللاش ۋە قورال -ياراق ستىش، ختاينى چەكلەش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىدا ھەر يىلى ماقۇللىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسنىڭ يىللىق خامچوتىنى بېكىتىدۇ.

2024-يىللىق خامچوت سوممىسى 883 مىليارد 700 مىلىيون دوللار بولۇپ، ختايغا قارشى تۇرىدىغان ماددىلار كۆپ.

 دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 26-چېسلا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ختايغا چېتىشلىق پاسسىپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «2024- مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى جاھىللىق بىلەن ماقۇللىدى ۋە ئىمزالىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشى ھەققىدە داۋراڭ سالدى، بۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىغا خىلاپ. بىز ئامېرىكىنى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىق ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى توختىتىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. بۇ قانۇن لايىھەسى «جۇڭگو تەھدىتى»نى تەرغىب قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى باستۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ نورمال ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چەكلىدى، بۇ ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئامېرىكا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»كىملىكى ئارقىلىق ئ‍ۇيغۇرلار قاتارلىق مىللەتلەرنى يوقتىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە

چا دېكابىر 27 , 2023
ئەنۋەرجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 27-دېكابىر ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرشىچە، ختاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 2023-يىلى كۆپ قېتىم ختاينى ئايلىنىپ، ختاي «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»كىملىكى نەزەرىيسى ھەققىدە مەخسۇس يېغىن ئاچقان ۋە سۆزلىگەن. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بولسا- ختاي ھاكېمىيتىنىڭ ختاي بولمىغان مىللەتلەرنى سۈمۈرۈپ يوقتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان يېڭى نەزەىيە بولۇپ، ئۇنىڭ […]
wang huning

You May Like