ئالىملار چاشقاننىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان

ئالىملار چاشقاننىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان

ئالىملار چاشقاننىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان
مەمەت ئىمىن دوختۇر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 10-مارت
ساغلام ياشاش، قېرىماسلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ، تارىختا كۆپلىگەن پادىشاھلار تېۋىپلارغا ئۇنىڭ چارىسىنى تېپىشقا ئەمىر پەرمانلارنى بەرگەن
دۇنياغا داڭلىق «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا 7- مارت كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئالىملار چاشقاننىڭ ھۈجەيرىسىنى قايتا پروگراممىلاش ئارقىلىق ئوتتۇرا ياشلىق چاشقاننى ياشلاشتۇرغان. ئۇ ياشلاشتۇرۇش يالغۇز چاشقاننىڭ تاشقى قىياپىتىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىچكى ئەزا ۋە ئورگانلارنىڭ ئىقتىدارىدىمۇ ئىپادىلەنگەن.
بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ساغلام ياشىشى، قېرىماسلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن يول ئىچىشى مۇمكىن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شېۋېتسارىيەدىكى تىبەتلەر ھەر قايسى شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى

شە مارت 12 , 2022
شېۋېتسارىيەدىكى تىبەتلەر ھەر قايسى شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى

You May Like