ئۇكرائىنا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، روسىيە تاجاۋۇز قىلغۇچى؛
روسىيە-خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش؛ روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ئۇزۇن؛ ئادالەت ئۇكرائىنا تەرەپتە، ئەمما «ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا ئاجىز ئورۇندا، قولىدا كارتا يوق، زېلېنسكىي ياغلىما گەپ قىلمىدى» دەپ، ئۇكرائىنانى يېتىم قالدۇرۇش-ئادالەتسىزلىك.
ئەگەر بۇ مەنتىقە بويىچە بولغاندا، ئۇيغۇرلار مەڭگۈ زۇلۇم ئاستىدا قېلىشى كېرەك بولىدۇ: چۈنكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاجىز، قولىدا كوزىر يوق، ئۇيغۇرلارمۇ ئېزىلگۈچى، ئادالەت ئۇيغۇردا؛
پۇلى بارنىڭ گېپى توغرا ۋە «كۈچلۈكلەر ۋە بايلار ھەققانىيەتچى» دەيدىغان قەلبى قارا ئىنسانلار سەۋەبىدىن ئۇرۇش بولىدۇ، ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بۇ ئادالەتسزلىك پەقەت-روسيە، ختاي قاتارلىق زوراۋانلارنىڭ پايدىسغىلا يارايدۇ.
بۇ بىر ئاشكارا ئادالەت مەسلىسى. ئەگەر بۇ مەسلىدە غەرپ ئادالەتتە تۇرمىسا، باشقا مەسللەردە تېخىمۇ تۇرمايدۇ. چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسنىڭ قولىدا سودىلاشقۇدەك كوزىر بولۇشى ناتايىن. ئۇنداقتا كوزىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قۇربان قىلىنىشى كىرەكمۇ؟ ئۇ ئېىپتىدايى جەمىيەتكە قايتىشتۇر.مەسلىگە گېئوپولېتىكا نۇقتىسدىن مۇئامىلە قىلىدىغان چاغ بار، ئادالەت نۇقتىسدىن مۇئامىلە قىلىدىغان چاغ بار؛
ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىكى ھەققانىيەت ۋە ئادالەتكە ئەمەس كۈچكە، پۇلغا، ھوقۇققا چوقۇنۇش ۋە ھەققانىيەت قارىشىنىڭ بولماسلىقى – چوڭقۇر روھىيەت كىرىزىسىدىن ئىبارەت بۇ – ئاخىرىدا ئۆزىگە تېخىمۇ قارا كۈنلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زالىم كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قوللاش، مەزلۇم ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆچ كۆرۈش – دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ روھىيەتتۇر.