ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن ئاشقان

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىر

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ غەربى شىمال رايونلىرىدا 6.3 بال دەرىجىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن. 8-ئۆكتەبىر تالىبان ھۆكۈمىتى باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات بېرىپ مەزكۇر ئاپەتتە 2053 نەپەر كىشىنىڭ قازا قىلىپ 1240 نەپەر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئۆكتەبىر ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالى رايونلىرىدا بىر قانچە قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى 6.3 بالغا يەتكەن. تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى بىلال كەرىمى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا مۇنداق دەيدۇ: « ئەپسۇسلىنارلىقى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئەمەلىي ئەھۋالدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى، بىز قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ ئەڭ ئاخىرقى توغرا سانلىق مەلۇماتنى كۈتۈۋاتىمىز…»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاپەت ئېغىر بولغان ھىرات ئۆلكىسىگە تەۋە 12 يېزىدىكى 600دىن ئارتۇق ئۆي گۇمران بولۇپ 4200دىن ئارتۇق كىشى تەسىرگە ئۇچرىغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ قازا قىلغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى: بۇ ئۇرۇشنى دۈشمەنلىرىمىز بولغان خاماس، ختاي، ئىران ۋە روسيە بىرلىشپ پىلانلىدى

يە ئۆكتەبىر 8 , 2023
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئۆكتەبىر خاماس 7-ئۆكتەبىر ئ‍سرائىلىيەگە تۇيۇقسز ئۇرۇش ئىچىپ، بىر كۈن ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن ئ‍سرائىلىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى دۇنيادا كۈچلۈك تەسر قوزغىماقتا. ئامېرىكا يېڭى جىرسى شتاتى باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى پىرەزدىنتلىق نامزاتى كىرس كىرستى يەكشەنبە سەھەر فوكس خەۋەرلىرىگە بەرگەن زىيارەتتە مۇنداق دىدى: بىز ئامېرىكا ئىچكى زىددىيەت ئىچىدە تۇرغاندا، دۈشمەنلىرىمىز بولغان خاماس، ختاي، […]
iran, China,Russia

You May Like