ئافغانىستاندىكى بومبا ھۇجۇمچىلار كىم؟

ئافغانىستاندىكى بومبا ھۇجۇمچىلار كىم؟

 ئافغانىستان ۋەزىيىتى: كابۇل ئايروپورتىدىكى پارتلىتىشقا مەسئۇل دەپ جاكارلىغان‏ IS-K قانداق تەشكىلات؟

ب ب س مۇداپىئە ئىشلىرى مۇخبىرى فرانك گاردنېر‫ (Frank Gardner)

تەرجىمان: ئابدۇقادىر ئابلىز

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 28-ئاۋغۇست


‫2019-يىلى كابۇلدىكى بىر توي مۇراسىمى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى مەنزىرە. سۈرەت مەنبەسى، AFP


‫8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ كابۇل ئايروپورتىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئاز دېگەن 90 ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 13 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە نۇرغۇن پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
‫‫«شام ئىسلام دۆلىتى» (IS) تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى تارمىقى IS-K بۇ قېتىملىق ھۇجۇمغا ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
پارتلاش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى‫، IS-K نىڭ ھۇجۇمى يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ غەرب دۆلەتلىرى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان.‫
‫‫‫IS-K كىم؟‫
‫‫IS-K نىڭ تولۇق ئاتىلىشى «خوراسان ئىسلام دۆلىتى» (Islamic State Khorasan)، «شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ رايونلۇق تارمىقى.
ئۇ ئافغانىستاندىكى بارلىق جىھاد قوراللىق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئاشقۇن ۋە ئەڭ زوراۋانلىرىدىن بىرى‫.‫‫
‫2015-يىلى 1-ئايدا IS-K قۇرۇلغان، ئەينى چاغ «شام ئىسلام دۆلىتى» (IS) ئىراق ۋە سۈرىيەدە شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان يۇقىرى پەللە مەزگىلى ئىدى. كېيىن، ئۆزىنى خەلىپە دۆلىتى دەپ ئاتىۋالغانلارنى خەلقئارا ھەربىي كۈچلەر بىتجىت قىلدى.‫
‫‫IS-K نىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن كەلگەن جىھاتچىلار، ئەمما مەزكۇر تەشكىلات بىلەن تالىبانلارنىڭ زور ئىختىلاپى بار، ئۇلار تالىبانلارنى جىھاد ۋە جەڭ مەيدانىنى تاشلاپ، سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى قوللايدۇ دەپ ئەيىپلەيدۇ.
‫‫‫IS-K نىڭ قانچىلىك ئەزاسى بار؟
گۈللەنگەن مەزگىلىدە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەخمىنەن 3000 ئەسكىرى بار ئىدى‫.
بىراق، ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى شۇنداقلا تالىبان بىلەن بولغان توقۇنۇش تۈپەيلىدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى زور كۆلەمدە ئازلاپ كەتكەن‫.
‫‫IS-K قايسى ھۇجۇملارنى قوزغىغان؟
‫‫IS-K نىڭ نىشانى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى، ئافغانىستان سىياسىي ئەربابلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، تالىبان، دىنىي ئاز سانلىق مەزھەپلىرى يەنى شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە شىك دىنىي مۇرتلىرى، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى شۇنداقلا ياردەم تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا تەشكىلاتلار.
ئۇلار 2018-يىلى 9-ئايدا ئىراندا بىر قېتىملىق ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنىمۇ جاكارلىغان‫.
مەزكۇر تەشكىلات يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ باش جاۋابكارى دەپ ئەيىبلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى قىزلار مەكتىپى، دوختۇرخانا ھەتتا تۇغۇت بۆلۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاياللار، بوۋاقلار ۋە ھەمشىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ كىشىلەرنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن‫.
مەنپەئەتى پەقەت ئافغانىستان بىلەنلا چەكلىنىدىغان تالىبانغا ئوخشىمايدىغىنى‫، IS-K دۇنياۋى IS تورىنىڭ بىر قىسمى، ئامالىنىڭ بارىچە غەرب، خەلقئارا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.


ئافغانىستاندىكى تالىبان تىزگىنلەۋاتقان رايونلار بىلەن تالىبانغا قارشى كۈچلەرنىڭ تەسىر دائىرە خەرىتىسى

‫‫IS-K نىڭ بازىسى قەيەردە؟‫
‫‫IS-K نىڭ بازىسى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نەنگارھار ئۆلكىسىدە، پاكىستاننىڭ زەھەر ۋە ئادەم قاچاقچىلىق لىنىيەسىگە يېقىن.
گەرچە ئۇنىڭ كۆپ قىسىم پائالىيىتىنىڭ ھەممىسى نەنگاھار ۋە كابۇلدا بولسىمۇ ئەمما كۇنار، جەۋزجان، پاكتىكا، قۇندۇز ۋە ھېرات قاتارلىق ئۆلكىلەردە ھۇجۇم قوزغىغان‫.


ئەسىرگە ئېلىنغان‫ Isis-K تەشكىلاتىنىڭ گۇماندارى
سۈرەت مەنبەسى‫، GETTY IMAGE

‫‫‫IS-K نىڭ بىلەن تالىباننىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

‫‫IS-K «ھەققانىي تورى» (Haqqani network) ئارقىلىق تالىبان بىلەن ئۇچرىشىدۇ. «ھەققانىي تورى» تالىباننىڭ بايرىقى ئاستىدىكى مۇھىم ئەمما نىسپىي مۇستەقىل قوراللىق تەشكىلات.
تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە‫، IS-K بىلەن ھەققانىي تورى ئارىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت بار ئىكەن، ھەققانىي تورىنىڭ تالىبان بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.‫
‫‫Isis-K نىڭ تايانچ بازىسى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نەنگارھار (Nangarhar) دا، پاكىستاننىڭ زەھەر ۋە ئادەم قاچاقچىلىق لىنىيەسىگە يېقىن.
ھازىر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كابۇلدىكى يۈرۈشتۈرگۈچىسى خەلىل ھەققانى، ئامېرىكا ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئامېرىكا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان تېررورچىلارنىڭ بىرى‫.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان فوندى‫ (Asia Pacific Foundation) دىكى ساججان گوخىل (Sajjan Gohel) كۆپ يىللاردىن بۇيان ئافغانىستاندىكى ئاشقۇنلار تورىنى ئىزچىل تىڭتىڭلاۋاتىدۇ.‫
ئۇنىڭ دېيىشىچە، «2019-يىلى بىلەن 2021-يىلى ئارىسىدىكى بىر قانچە چوڭ ھۇجۇمنى‫ IS-K، تالىباننىڭ ھەققانىي تورى ۋە باشقا پاكىستاننى بازا قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلار ئۆز ئارا بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان. »‫‫
تالىبان 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كابۇلنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا‫، IS-K پايتەخت كابۇل دۆلەتلىك تۈرمىسى (Pul-e-Charki) دىن نۇرغۇن جىنايەتچىنى قويۇپ بەرگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدە IS ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق خادىملىرىمۇ بار ئىكەن. ھازىر بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتكەن.‫
‫‫IS-K نېمە ئۈچۈن تالىبانغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ؟
‫‫IS-K بىلەن تالىباننىڭ زور ئىختىلاپى بار، تالىباننى جىھاد ۋە جەڭ مەيدانىنى تاشلاپ، قاتار دوھادىكى «ھەشەمەتلىك مېھمانساراي» دا سۆھبەت ئارقىلىق ئافغانىستان مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھىسىنى تاللىدى دەپ ئەيىبلەيدۇ.
‏‫IS-K نىڭ قارىشىچە تالىبانلار «دىندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر» دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئىسلامنىڭ قانۇنى بويىچە تالىبانلارنى يوقىتىش پۈتۈنلەي قانۇنلۇق يوللۇق دەپ چۈشەندۈرىدۇ.‫
مەيلى تالىبان ياكى غەربنىڭ ئىستىخبارات ئورۇنلىرى بولسۇن ھەممىسى‫، IS قوراللىقلىرى ھازىر قۇرۇلماقچى بولغان تالىبان ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن زور بىر بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ قارايدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

خىتاي- تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر سودا توختامى ئەمەلدىن قالدى

دۈ ئاۋغۇست 30 , 2021
خىتاي- تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر سودا توختامى ئەمەلدىن قالدى

You May Like