قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەسلەيمەن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
بۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئۇت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتل قىلىنغانلىقىغا 89 يىل بولغان قاباھەتلىك كۈندۇر.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى مىلادى 848-يىلدىن 1369-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن، مەرىپەتپەرۋەر ئائىلە ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 5 ياش ۋاقتىدا ساۋاتىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشقا كىرگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان. 1916-يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن رۇسىيەگە بارغاندا رۇسچە ئۆگىنىدۇ. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شۆتاڭغا كىرىپ خىتايچىنى ئۆگىنىپ، خىتاي كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇ مۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. ئەنە شۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئىرادىسى شەكىللىنىدۇ.
1923-يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2-قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ يەنە ئۈچ يىل ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ پۇشكىن، لېۋ تولىستوي، گوركىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ. شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدۇ. 1926-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ تۇرپاندا ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ مائارىپنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗپ، ﮔﯧﺰﯨﺖ ژۇرنال ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ تەييارلىق قىلىدۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ئۇيغۇرلارنى جاھالەتكە مەھكۇم قىلغان ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ھۆكۈمىتى ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻣﻪﺧﺴﯜﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 – ﻳﯩﻠﻰ « ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ » ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ يىلى ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ « ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ »، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ئاچىدۇ.
بۇ مەزگىلدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مىللەتنى ئويغىتىدىغان نادىر، جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932-يىلى 11-ئايدا «ئويغان»، «ئاچىل» دېگەن شېئىرلارنى ئاق رەختكە چوڭ خەتلىك يېزىپ كوچىلارغا چاپلاپ، خەلقنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلىنىشكە چاقىرىدۇ.
1932- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘل دېھقانلىرى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ﻗﺎﺭﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. قۇمۇلدىكى قوزغىلاڭنى ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ جاللات ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ قاچاق رۇس ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ سەپداشلىرىنى ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ تۇتقۇن قىلىدۇ. روزا موللا دېگەن خائىن مۇناپىق ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بېرىشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 17 كىشى بىلەن بىرلىكتە تۇرپان كوچىسىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى خىتايچە ۋە رۇسچە جاراڭلىق ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ! » ، « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ! » ﺩﻩﭖ جاراڭلىق شوئار توۋلايدۇ. شائىرنىڭ قان بىلەن پۈتكەن، جان بىلەن ئىسپاتلىغان «ئويغان» ناملىق شېئىرى ۋە ئازادلىققا تەلمۈرۈپ يازغان «گۈل ئاچىل»ناملىق شېئىرى تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرى، غۇرۇرى، مەنىۋى مەدەتكارى بولۇپ كەلمەكتە.
مەنبە: 100 مەشھۇر شەخس، تور دۇنياسى