ئۇيغۇرىئان: ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ سرلىق ھېكايىسى

ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ سرلىق ھېكايىسى

ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ سرلىق ھېكايىسى
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 26-ماي كۈنى «خوڭكوڭ دائىرلىرى يوقالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دىرىكىنى ئاشكارىلىشى كىرەك» سەرلەۋھەلىك بايانات ئىلان قىلىپ، كورىيەدىن خوڭكوڭغا كىلىپ يوقاپ كەتكەن دوكتۇر ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ ھاياتىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.ئارقىدىن ئامېرىكا ۋول سچرىت، ۋاشنگىتون پوچتىسى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق چوڭ تاراتقۇلار بۇ ۋەقەنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ختاي كومپارتىيەسى بۇيرۇقى بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى. بۇ خەۋەر -ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگىلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە خەۋىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارسغا تېخىمۇ كەڭ تارقالدى. كۆپچىلىك بىردەك، ئەگەر بىر ئۇيغۇر -ختاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا چۈشسە، ۋەتەنگە قايتۇرۇلۇپ قانداق نامەلۇم ئىغىر كۈن كۆرىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى، تەشكىلاتلار بايانات بەردى، سوسيال مېديا ھەرىكىتى قانات يايدۇردى. مىڭلىغان چەتئەللىكلەر ھسداشلىق قىلغانلىقىنى ئىپادىلەشتى. جۈملىدىن مەن دۆلەت مەجلىسدىكى ئىككى كومېتىتتقا ۋە تاشقى ئشلار منسترلىكىگە بۇ يېگىت ئۈچۈن خەت يازغانىدىم .بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەنىدىم. بۇ يېگىتنى گەرچە كۆپچىلىك تونۇمىسمۇ، ئۇنىڭ چىرايى، ئۇ ھەققىدە بىرىلگەن خەۋەردىكى بىر تىرشچان، بىلىم سۆيەر ئۇيغۇر ئوبرازى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا قايغۇرۇشغا يېتىپ ئاشاتتى.
28-ماي كۈنى خوڭكوڭ ئامانلىق ساقلاش ئىدارسى باشلىقى «بۇنداق بىر شەخس خوڭكوڭغا كىرمىدى، كەچۈرۈم تەشكىلاتى يالغان ئويدۇرۇپ، خوڭكوڭغا تۆھمەت قىلدى »-دەپ بۇ خەۋەرنى يالغانغا چىقاردى.29-ماي كۈنى كورىيەنىڭ داڭلىق يونخاپ مىدياسى-ئابدۇۋەلىنىڭ پىروففىسورنى زىيارەت قىلىپ، ئابدۇۋەلىنىڭ كورىيەدە تىچ ئامان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار داۋاملىق بۇلارغىمۇ ئشەنمىگەن بىر پەيتتە،كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئىلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئابدۇۋەلى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ خوڭكوڭغا بارمىغانلىقىنى ئىيتقانلىقنى،شۇڭا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتنىىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى، ئۇنى تۈزىتىپ ئىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.بۇ ۋەقەنى ھەم چوڭ تاراتقۇلار بەس-بەستە خەۋەر قىلىپ، زادى نىمە بولغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشماقتا.
بىز زادى نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمىدۇق، چۈنكى ئابدۇۋەلى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلمايدىغانلىقى، مۇخبىرلارغا سۆزلىمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى.ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ئادوۋكات رەيھان ئەسەتكە تىلفوندا،ئۆزىنىڭ نىمە ئش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىنىڭ پەرىزىم، كەچۇرۇم تەشكىلاتى ھەرگىز يالغان ئۇچۇر تارقاتمايدۇ،ئۇنىڭ دوستى تەلەپ قىلغاندىن كىين تەكشۈرۈپ 2 ھەپتە ئۇچۇر ئالالمىغاچقا ئاندىن تارقاتقان.ئەمما كەچۈرۈم تەشكىلاتى «خاتا بايانات بىرىلىپتۇ» دىدى.بۇ نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟مىنىڭچە، ئابدۇۋەلى خوڭكوڭدا راس تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.خوڭكوڭدا ئىككى ھەپتە قاماقتىكى ئابدۇۋەلى كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى يالغانچىغا چىقىرىش ئارقىلىق ختتايدىن ئەركىنلىككە ئىرشكەن بولۇشى مۇمكىن.
يەكۈن:
1-ئابدۇۋەلى بىر جاسارەتسز ئۇيغۇر زىيالىسى.
ئابدۇۋەلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشكەن.ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشىلىق ئەمەس زىيان ئىلىپ كەلدى. ئۇ جاسارەتسزلىك قىلدى. ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بار كۈچى بىلەن كۆڭۈل بۆلگەن ئۇيغۇر مىللتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى يەرگە ئۇردى.ئەگەر ئابدۇۋەلى جاسارەتلىك بىر ئۇيغۇر يېگىتى بولسا ئىدى، ئۇ ھىچبولمسا كورىيەگە كەلگەندىن كىين ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان تەشكىلاتلارنى،ئۇيغۇرلارنى رەسۋا قىلمىسا بولاتتى،،ختتاى رەسۋا بولاتتى.
بىز شۇنداق دىيەلەيمىز، ئۇيغۇر مىللىتى مۇشۇنداق جاسارەتسزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ….
2-بۇنىڭدىن كىين دۇنياۋى تەشكىلاتقا چوڭ ئشەنچى كىرزىسى پەيدا قىلىدۇ:
ئابدۇۋەلىنىڭ ھېكايسى -ختاي ۋە باشقا دىكتاتۇر دۆلەتلەر بىلەن تېغمۇ-تېغ ئىلىشپ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەشكىلاتىنىڭ ئىناۋەت-ئىشەنچ دىگەننى ئۈچ كۈندە يەرگە ئۇردى. بۇ تەشكىلات ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغانىدى. بۇنىڭدىن كىين بۇ تەشكىلات ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دەۋا-دەستۇرلارغا بەكرەك مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ ۋە ئالدىراپ ئۇچۇر تارقاتمايدۇ. شۇنداقلا مۇشۇنداق «يالغانچى »دەپ ئەيىپلەنگەندىن كىين، بۇ تەشكىلات تارقاتقان ئۇچۇرلار-خەلقئارادا كۈچكە ئىگە-بولامدۇ يوق؟ بۇ ئايرىم مەسلە.
3-ختاينىڭ كۈچى:مەيلى نىمە بولسۇن، بىر ئۇيغۇر ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ختاي ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ. ئۇنىڭ ھېكايسنى ئۆزىنىڭ پايدىسغا، ئومۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ زىينىغا ئىشلىتەلەيدۇ. سەۋەبى ئىككى: ختتاي ھىلە-مىكىرگە تولغان-بىز ساددا؛ ختتاي كۈچلۈك ۋە تولۇق ئىمكانلارغا ئىگە، بىز كۈچسز بولغاننى ئاز دەپ جاسارەتسز.
بىزنىڭ جاسارەتسزلىكىمىز -ختاي ئۈچۈن پايدىلىق!
4-ئابدۇۋەلى ئويلانسۇن: ئۇ ئۆزىنى قاچۇرغان ئۇيغۇر خەلقى-ئۇنىڭغا مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلىدۇ،ئۇنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشدۇ.ئەمما ئۇ بۇ مىللەت ئۈچۈن نىمە قىلدى؟
5-دۇنيادا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار سەرگەردان بولۇپ،قېچىپ ياشاۋاتىدۇ.ئابدۇۋەلىنىڭ سرلىق ھېكايىسى-شۇ ھەقىقى سەرگەردانلارنىڭ ھېكايسنى ئاڭلىتىشقا توسقۇنلۇق ئىلىپ كىلىدۇ.كىشلەردە ئشەنچ بولمايدۇ،بۆرە كەلدى ئنسانلارنى بىزدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
6-ئەمما بىز بۇنداق ناچار ھادىسەلەر بىلەن ئۆز خەلقىمىزنى قۇتقۇزۇشقا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم.ئەكسچە،ھەر قانداق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سەمىمى،.ئشەنچىلىك ئۇچۇر بىرىشى،بىر مىللەتنى بۇنداق ئەخمەق قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

قسقا خەۋەر: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە منسترلىكى: ختتاي تەرەپ سۆزلىشش تەلىۋىمىزنى يەنە رەت قىلدى.

چا ماي 31 , 2023
قسقا خەۋەر: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە منسترلىكى: ختتاي تەرەپ سۆزلىشش تەلىۋىمىزنى يەنە رەت قىلدى.

You May Like