ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى: مىنىڭ سۆزلىرىم

بۇ يازما ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمىنىڭ ئېجتىمائى تاراتقۇ ھساۋاتىدىن ئىلىندى

ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم،

نەچچە كۈندىن بىرى مەن سىزلەرگە ئۆزەمنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىمنى يازغان ئەسەرلىرىم، ۋەتەن مىللەت يولىدا قىلغان ئازدۇر – كۆپتۇر ئىش -ئىزلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم، شۇنداقلا ، 30 يىللىق سەرگەندارلىق مۇساپىرلىق ھاياتىمدا قانداقدۇر پىسخىكامنىڭ بۇزۇلۇشى، نىرۋە كىسىلىمنىڭ ئەدەپ كىتىشى تۈپەيلى بىلىپ – بىلمەي قانداقدۇ بەزىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغان، ئورۇنسىز ئازار بىرىپ قويغان تەرەپلىرىم بولسا، كېچىرىم سوراپ بايانات ئىلان قىلغان ئىىم، بۈگۈنمۇ يەنە تەكرار كېچرىم سورايمەن.

چۈنكى، 6 بالا بىلەن خوتۇنۇمنى تاشلاپ چەتئەلگە چېقىپ كىتىشكە مەجبۇربولغان مەندەك بىر ئىنساننىڭ قانداقمۇ پىسخىكىسى تۇراغلىق بولسۇن ! سېغىنىش ئوتى بەك يامان ئىكەن، گەرچە مەن چەتئەلگە چېقىپ ۋەتەنگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، چوڭلۇرۇمنىڭ ، ۋەتەنداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن 1997 – يىلى تاشكەننتتىن ئۆيلەنگەن ھەم ئىككى پەرزەنتنىڭ دادىسى بولغان بولساممۇ، ۋەتەن ئوتى بىلەن چەتئەلنىڭ ئوتى ئوخشىمايدىكەن، سېغىنىش باشقا – باشقا بولىدىكەن. شۇ سەۋەبدىن ۋەتەنداشلىرىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغان، ئورۇنسىز ئازار بىرىپ قويغان بولشۇم مۈمكىن ، دەپ قارايمەن. يەنە بىر قىتىم كېچىرىم سورايمەن! ئەپۈ قىلىۋەتگەيسىزلەر! ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتمەي!

2- سۆز. كىمنىڭدۇر مەندە ئېلىشى بولسا دەرھال سورىسۇن، كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا تۆلىۋېتەي! شۇنداقلا، مېنىڭ كىمدۇدۇر ئېلىشىم بولغان بولسا، شۇ ئىنسانمۇ ئۆزىنى سوراپ دەر ھال ئېلىشىمنى بىرىۋەتسۇن، ئۇ دۇنياغا سۆرىلىپ بارمىسۇن، ھەققىمىزنى ھالال ئېتەيلى!

چۈنكى، مېنىڭ سالامەتلىكىم، كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىۋاتىدۇ، ياخشىلىنىشتىن ئۈمىد يوق! چۈنكى، مەن بۈگۈن 83 ياشقا توشقان قۇتلۇق كۈنۈم، شۇنداقلا خاتىرەلەشكە ئەرزىيدىغان ئالاھىدە كۈنۈم!شۇ سەۋەبتىن بۇ يازمىنى يېزىپ ھوزورۇڭىزلارغا تەقدىم ئېتىۋاتىمەن!

مېنىڭ ئىشداشلىرىم، دوستلۇرۇم ۋە ساۋاقداشلىرىم ، مەكتەبداشلىرىمدىن بىر قانچىسى يېقىنقى يىللاردا ئارقىمۇ – ئارقا بۇ دۇنيادىن بالدۇرلا كىتىپ قالدى. ئۇلار مەندىن ياش جەھەتتە خىلىلا كىچىك ئىنسانلار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەشۈلارنى ئويلاپ مېنىڭمۇ ساناقلىق كۈنلىرىم قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ھەسرەت چېكىۋاتىمەن!

ئۆلۈم نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق ۋەھىمە، ھە!

بولۇپ يېقىندا ۋەتەندىن يەنە بىر شۇم خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،

مېنىڭ 50 يىللىق سەپدىشىم ئىشدىشىم، « پۇرۇلېتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ،-بەدنىييەت ئىنقىلابىدا، مۈشكۈلاتلىق ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كرچۈرگەن، تەقدىرداش ، ۋەتەن مىللەت يولىدا جانپىدالىق بىلەن بىرگە كۈرەش قىلغان ، قەشقەر شەھرىنىڭ سابىق مۇئاۋېن باشلىقى بولغان، كېيىن خىتاي جاللادلىرى تەرىپىدىن 20 يىللىق كېسىلىپ «پەيلو ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى »دا يەنە ئوننەچچە يىلنى بىللە ئۆتكۈزگەن قەدىناس دوستۇم ئابلا ھاۋۇت بەختكە قارشى بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ!* ياتقان يەرلىرى جەننەتتىن بولسۇن!)

بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مېنىڭ بۇ دۇنيادا مېنىڭ سەپداشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ مېنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، مېنىڭ يەنىلا « ئاخىرقى ئەسكەر » سالاھىيىتى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىمغا ياراتقان ئاللاھغا ھەمدۇ سانا ئېيتىپ چەكسىز رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

بىز ھەر ئىككىمىز تەقدىرداش ۋەتەنداشلاردىن ئىدۇق، مەيلى ھايات ۋاختىدىكى سەزگۈزەشلىرىمىز بولسۇن ياكى تۇرما ھاياتىدىكى ئىغىر كۈنلەردە بولسۇن، بىر – بىرىمىزگە مەدەت بىرىپ ھاياتلىقىمىزدا ئۆزئارا روھى ئوزۇق بىرىپ بىللە ئۆتكەنىدۇق…

تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ بىر- بىرىمىزنى يۆلەپ ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ ، دۈشمەننىڭ كەمسىتىشىگە پىسەنت قىلماي ياخشى ئۆتكەن ئىدۇق…

ئىنسان ئاخىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۆلەپ تۈگەيدىكەن! ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە، مىللىتىگە، خەلقىغە قىلغان ياخشى ئىشلىرى كىشىلەردىن قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ئەسلىنىدىكەن…

مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغاچ نەچچە كۈندىن بىرى قولۇم ئىشقا بارماي، ئىچ ئاغرىقىدا بىر مەھەل ئۆزەمنى ئالدۇرۇپ قويغانمۇ بولدۇم، شىۋېتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن بارا- بارا ئەسلىمگە كىلىۋاتىمەن،

ھەر كۈنى ئەتتىگەن كەچتە تىببى ياردەمچى خادىملەر كىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ برىپ دورا لىرىمنى ئېچكۈزۈپ، ھوكۇلۇمنى ئۆز قولى بىلەن ئۇرۇپ، خۇددىى كىچىك بالىنى پەپىلەپ باققاندەك بىقىپ ياخشى داۋالاۋاتىدۇ.

شۇ مۇناسىۋېت بىلەن شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە، شىۋېتسىيە تىببى داۋالاش ئېلىپ بىرىۋاتقان خادىملارغا ئۆزەمھە رەھمىتىمنى بىلدۈرگىم كىلىۋاتىدۇ!

ئاخىرقى سۆز: ھازىر مېنىڭ قولۇمددا يېزيپ تاماملىيالمىغان 3 پارچە كىتاب بار. بىرىنچىسى، مېنىڭ تەرجىمە ھالىم بايان قىلىنغان « ھاياتلىق سەپىرىمدە» ( ئاخىرقى ئەسكەر). دېگەن كىتاب ، بۇ كىتابنى يېزىپ بىريەرلىرىگە كەلگەندە ، سالامەتلىكىم يار بەرمەي، كومپۇتېرىم بۇزۇلۇپ كىتابنى ، ئىستانبۇلدىكى « 100 مەشھۇر ئۇيغۇ » دېگەن كىابنىڭ ئاپتورى، مېنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ دەسلەپ تونۇشقان، بىر ئۆيدە يىللاپ بىللە تۇرغان قەدىناس دوستم، ۋەتەندىشىم ھەم سەپدىشىم مەمەتتۇرسۇن ھاجى ئۇيغۇرغا بەرگەنىدىم. سەپدىشىم كىتابنى ئوقۇپ كۆرۈپ قىممەتلقك پىكىرلىرنى بىرىپ تەھرېرلەپ، تاماملىغاننىدى.

مەن ئۇ كىتابنى «ئۇيغۇر پەن مەركىزى » نىڭ رەئىسى قەيسەر ئابدۇرسۇلغا كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن سۇنغاندا، « بۇ كىتاب بىر قەدەر ياخشى يېزىلىپتۇ، ئەمما، تولۇقلايدىغان يەرلىرى بار ئىكەن ،مەن داۋامىنى تولۇقلاپ يېزىۋىتەي » دېگەن ، تەكلىب بىلەن قەيسەرگە بەرگەنىدىم. ، ئىشلەۋاتىدۇ. ئىنشاھ ئاللاھ، بۇ يىل نەشىردىن چېقىشى مۈمكىن!

2- كىتاب، « خىتاي كومۇنېستلىرىنىڭ قەشقەردىكى 55 يىلى » ،

بۇ كىتاب قىممىتى چوڭ بولغان ھۆججەتلىك كىتاب بولۇپ، كىتابدىكى مەنبەلەر ، خىتاينىڭ 50- يىللاردىكى قەشقەرنىڭ « سوخۇ ئالاقەلىشىش پونكىتى ». قەشقەر نىڭ ھۆكۈمەت ئورگان تورىدا ئىلان قىلىنغان « قەشقەردىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ». « جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايۇن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش باشقارما » سى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ ئارخىۋېدىن كۆچۈۈپ ئىلىنغان خىتاچە ھۆججەتلىك توپلام ئۇچۇر بولۇپ، مەن بۇنى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ساقلاپ كېلىۋاتاتتىم.ئۇزاقى يىلى كىتابنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا باشلاپ 50 بەتتەك يېزيپ توردا ئىلان قىلغانىدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ياخشى كىتاب بولۇپ باشلىنىپتۇ، دەپ باھامۇ بىرىپ ئۈلگۈرگەنمۇ ئىدى. مەن ھالازال بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىتابنى يېزىشقا قۇربىتىم يەتمىدى، سالامەتلىكم يار بەرمىدى ھەم كومپۇتېرىم بۇزۇلۇپ يېزىش سۈرئىتى بەكمۇ ئاستلاپ كەتتى. يېزىشنى داۋاملاشتۇرالمىم شۇ سەۋەبدىن، كىتابنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرالايدىغان پىداكار ئۇيغۇر يىگتى بولسا، داۋاملاشتۇرۇشنى خاھلىسا، كىتابنىڭ ئەسلى ئورگىنالى بولغان خىتايچە 900 بەتلىك نۇسخىسىنى، ھەمدە مەن يېزىىشنى باشلاپ تاشلاپ قويغان نەخ نۇسخىسىنى بىرىمەن، داملاشتۇرسا بولىدۇ، شەرتى، خىتايچە سەۋېيىسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان بولىشى، ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسى يۇقۇرى ئۇيغۇر بولۇشى كىرەك!

3- كىتاب.: « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نىڭ قۇرغۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مارشالى ئەلىخان تۆرەمنىڭ. مەشھۇر ئەسىرى «. جۇڭغارىيەدە بولۇپ ئۆتكەن ئىنقىلابى ۋاقىئەرلەر ».

بۇ كىتاب مەرھۇمنىڭ كەنجى ئوغلى ، ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان، تۈركى تىللار ئەدەبىيات پەنلەر دوكتورى، قۇتلۇقخان تۆرە يېزىپ ، تاشكەنتتە نەشىردىن چېققان كىتاب. كىتاب كېرىل يېزىقى، ئۆزبەك تلىدا يېزىلغان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇ دەۋېردىكى بولۇپ ئۆتكەن، ئۇيغۇلاغا مۇناسىبەتك مەشھۇر تارىخى چىنلىقى يۇقۇرى بولغان تارىخى ئەسەر.

بۇ كىتابنى كېرىل يېىزىقى ئۆزبەكچىدىن ، ھازىر زامان ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلەشنى خاھلايدىغانلار مەن بىلەن ئالاقەلاشسا بولىدۇ.

ھۆرمەت ۋە ۋەتەنداشلىق سېغىنىش سالامى بىلەن:

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان پىشقەدەم ۋەتەندىشىڭلار ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمىدىن يەنە بىر قىتىم سىزلەرگە ئوتلۇق سالام ۋە ئالا ئىھتىرام!

2024- يىل 08 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، 83 ياشقا توشقانلىق مۇناسىبىتى بىلەن بۇ يۈرەك سۆزۈمنى سىز ئەزىز لەرگە سۇندۇم!

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىھسان: ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق ھەل بولىدۇ؟ 

چا ئاۋغۇست 21 , 2024
بۈگۈنكى خەلقارالىق سىياسەت ۋە خەلقئارا قانۇن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئورنىتىلغان يىڭى خەلقارا سىياسىي تەرتىپنى مەنبە قىلماقتا.  ئىمپىراتورلۇقلار، تېئوكراتىك سىياسىي سىستىما، پادىشاھلىق تۈزۈم، ھەربىي كىڭەيمىچىلىك ھەركىتلىرى قاتارلىقلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاساسىي جەھەتتىن يەرشارىۋىي ھاكىمرانلىقىنى يوقاتتى، شۇنداقتىمۇ رايونلۇق ۋە چەكلىك ھالەتتە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىدى.  ئاساسىي جەھەتتىن غەرىپ دۆلەتلىرى دىمۇكراتىك سىياسىي سىستېمىنى ئىجدىمائىي ۋە […]
ئۇيغۇر مەسلىسى

You May Like