ئابدۇرېھىم ھېيت ۋە مىللى روھ

سەنئەتكارلار ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى ۋە يېتەكچىسى.

ئاپتورى: ئىقبال

2019- يىلى 9- فېۋرال

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

سەنئەتكارلار ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى ۋە يېتەكچىسى. ئۇلار ئادەتتە مەنىۋى قۇرۇلۇشچىلار، مەنىۋى زوق ئاتا قىلغۇچىلار دىگەندەك ناملار بىلەن ھۆرمەتلىنىدۇ. ھەقىقى سەنئەت بىر مىللەتنىڭ بارلىق مەدەنىيىتىنى مۇجەسسەملەيدۇ. ھەقىقى سەنئەتكارمۇ بىر مىللەتتە مەۋجۇت بارلىق مەدەنىيلىكلەرنى ئۆزىدە جەم قىلغان بولىدۇ. سەنئەتكارلارنىڭ كىيىملىرى مىللەتنىڭ قەدىمى كۈلتۈرىنى زامانىۋى جەمئىيەتكە ئاغدۇرىدۇ، سەنئەتكارنىڭ تىلى بىر مىللەتنىڭ تىل گۈزەللىكىنى، پاساھىتىنى، چوڭقۇر ۋەزىنلىرىنى ئاھاڭلاشتۇرىدۇ. سەنئەتكارنىڭ مىللى چالغۇلىرى  بىر مىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشىنى، مىللى خاراكتىرىنى، ئارزۇسىنى، غايىسىنى ياڭرىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئابدۇرېھىم ھېيت بىرمىللەتنىڭ سەنئەتچىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك ساپا ۋە شەرتلەرنى ھازىرلىغان دىيىشكە بولىدۇ.

1– ئابدۇرېھىم ھېيت مەيلى ۋەتەندە مەيلى تۈركىيەدە ھەرقانداق بىر سەھنىدە ناخشا ئېيتسا بېشىدىن دوپپا ياكى تەلپەك چۈشمەيتتى. كۆپىنچە سەھنىلەردە مىللى تون ۋە پوتا بىلەن نامايەن بولاتتى. بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ئەجدادىمىز مەندەك كىيىنگەن، بىزنىڭ ئەركەكلىرىمىز مەندەك جەسۇر ئىدى، بىزنىڭ ئاتىلىرىمىز مەندەك مەغرۇر ئىدى دېگەن سىگنالنى بېرىشكە تىرىشاتتى. ئۇنىڭ  سەھنىلەردە كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كۆك رەڭلىك تونى ۋە كۆك رەڭلىك كاستۇم بۇرۇلكىسى ۋەتەن، ۋەتەن، ۋەتەن دەپ سوققان يۈرىكىگە بىرئاز مەلھەم بولسا، تاماشىبىننىڭ قەلبىگە ۋەتەندىن ئىبارەت بىر ھەسرەتنىڭ رەڭگىنى ئەسلىتەتتى.

2– ئابدۇرېھىم ھېيت بىر دىندار ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى سەۋەپلىك ۋۇجۇدى مىللى ۋە دىننىي مەدەنىيەتكە تويۇنغان ئىدى. دىن بىلەن مىللەتنى، دىن بىلەن مەدەنىيەتنى، سەنئەت بىلەن مىللەتنى چەمبەرچەس باغلىغان ئىدى .

ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى قۇيۇق كىشىلىك ئەخلاق، مىللى ئەنئەنىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. «باردۇر» غا ئوخشاش تارىخى تۈسكە ئىگە ناخشىلىرى كىشىگە مىللى روھ ۋە غۇرۇر بەخش ئەتسە، «ئۇچراشقاندا»، «ۋىجدان سورىقى» قاتارلىق ناخشىلىرى بىر ئاچچىق رىئاللىقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭى، مۇزىكىسى گاھىدا دولقۇندەك مەۋج ئۇرۇپ قەلىپ قىرغاقلىرىمىزغا ئۇرۇلسا، گاھى مىسكىن مىلۇدىيەلىرى ھىجران ۋە ھەسرەت پىنھانلىرىغا باشلايدۇ.

شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ ناخشىلىرى مىللىتىمىزنىڭ قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشاش ئەگرى توقاي قىسمەتلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى مىللىتىمىز ئىچىگە يۇشۇرنۇپ ياتقان پەريادىنىڭ تەرجىمانى. ئۇنىڭ دۇتارىنىڭ تارىسى ۋىجدانلارنى سوراق قىلىدۇ. ۋىجدانلارغا خىتاب قىلىدۇ. بەزىدە مىسكىن جىرىڭلاپ ئاھ مىللىتىم ئاھ ئۇيغۇرۇم ئويغىنىڭلار دىسە، بەزىدە غەزەپ بىلەن تىپىرلاپ ۋاي ئىسىت ھالىمىزغا، قىنى بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز، قىنى بىزنىڭ ئەركەكلىك جاسارىتىمىز دەپ خىتاب قىلىدۇ.

شۇنداق دەپ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇكى، ئابدۇرېھىم ھېيت 21-ئەسىر ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئىچىدە ئۆزىنى، كەسپىنى، دۇتارىنى سۆيگەندەك مىللىتىنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن سەنئەتكارلارنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خەلقىگە خىتاب قىلدى، خەلقى بىلەن ھەمدەرت بولدى، خەلقىنى كۈيلىدى، خەلقىنى سۆيدى. ئاخرىغىچە تەڭرىم بار، خەلقىم بار، روھىم بار دېگەن ھەسرەتكە تولغان غايىسىدىن يانمىدى.

3– ئابدۇرېھىم ھېيت كەسپىنى سۆيىدىغان سەنئەتچى. بىرگە ماھىرلىقى بىلەن تونۇلدى. كۆپنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتى. تۈركىيەدە مىليونلارچە ھەيرانى بولغان بىردىنبىر ئۇيغۇر سەنئەنچىسى بولدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ھەيرانىلىرى ئىچىدە مەشھۇر تۈركولوگلار، تىلشۇناسلار، تارىخچىلارنىڭمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى ئىدى. ئابدۇرېھىم ھېيت دۇتارىنى سۆيەتتى، چۈنكى دۇتار دېمەك ئۇيغۇر دېگەنلىك ئىدى، دۇتار دېمەك مەدەنىيەت دېمەك ئىدى، دۇتار دېمەك مەۋجۇدىيەت دېمەك ئىدى.

باشقا ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئەرلىرى ئايالغا، ئاياللىرى ئەرگە ئوخشاش ياسىنىپ بەزىلىرى گىتار، بەزىلىرى پىئانىنو، بەزىلىرى چاڭچىلى چېلىپ باقتى. ئوڭ تەتۈر ئالا-جۇقا سەكرەپمۇ بېقىشتى. ئەمما ئابدۇرېھىم ھېيتتەك خەلقنىڭ قەلبىگە كىرەلمىدى. بۈگۈن ئابدۇرېھىم ھېيتكە خەلقىمىز شېھىتلەر مەرتىۋىسىنى تىلەشتى.

4– ئابدۇرېھىم ھېيت كەمتەرلىكى بىلەن تونۇلغان سەنئەتكار ئىدى. سەنئەتنى مىللىتىنىڭ ئاۋازىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشاتتى، ئەمما ئەسلا سەنئەت ئارقىلىق نام چىقىرىشقا كۈچىگەن كىشى ئەمەس ئىدى. سەنئەتنى مىللىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن سۆيگەن ئىدى، ئەمما ئەسلا ئۆزىنى تونۇتۇشقا ۋاستە قىلمىغان ئىدى. ئۇ ئېرىشىشتىن بەكرەك بېغىشلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەنئەتچى ئىدى. ئۇ ۋەدىسىدە تۇردى. ۋەتىنى ئۈچۈن، مىللىتى ئۈچۈن، دۇتارى ئۈچۈن ئىسسىق ھاياتىنى بېغىشلىدى.

ئۇ «ئۇچراشقاندا» ناخشىدا يۇقىرى ئاۋازدا تەكرارلىغىنىدەك خەلقى بار. ئۇ «كۆرمىگىن قەشقەرنى كەم» ناخشىسىدا ئېيتقاندەك ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ باقى دۇنياغا كۆچكەن قەشقەرلىك مەرت ئوغلانلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ئابدۇرېھىم ھېيتنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھتىن جەننەت ئەھلى قاتارىدىن قىلىپ بېرىشىنى تىلەيدۇ.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

Şehit Abdurrahim HEYİT- Babalar

شە فېۋرال 9 , 2019
Şehit Abdurrahim HEYİT- Babalar Abdurehim HEYİT’in şehid oluşuna neden olan şarkılarından biri Babalar ,   Şairler hep Anam dediler , aklına hiç mi gelmedi babaları, Onlar öyle babalardı ki, Kaplanlar bile imrenirlerdi. Onlar öyle babalar idi, Kimi güzeller olmuştu şeyda, Hançer gibi saplanır idi , Olsa eğer melunlar peyda. Mızrağın […]

You May Like