دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى ۋە ئانىلار تورى ھەققىدە

«ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.» ‌دېگەن ئەقىليە سۆزى بار. چۈنكى‌ ئايال دېمەك — ئانا دېمەكتۇر، ئايال‌ دېمەك‌ — نەسىللەرنىڭ داۋام قىلىشى، مەۋجۇتلۇقنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى دېمەكتۇر .‌ئايال‌ — تارىخ بىلەن بۈگۈننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك، ھاياتلىققا بېرىلگەن مەنا، ئىشەنچ ۋە سۆيگۈ بۇلىقىدۇر.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 9- ماي

 

«ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.» ‌دېگەن ئەقىليە سۆزى بار. چۈنكى‌ ئايال دېمەك — ئانا دېمەكتۇر، ئايال‌ دېمەك‌ — نەسىللەرنىڭ داۋام قىلىشى، مەۋجۇتلۇقنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى دېمەكتۇر .‌ئايال‌ — تارىخ بىلەن بۈگۈننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك، ھاياتلىققا بېرىلگەن مەنا، ئىشەنچ ۋە سۆيگۈ بۇلىقىدۇر.

 

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز تىرىشچانلىقى،‌ قەيسەرلىكى بىلەن  تارىخقا قانداق داستانلارنى‌ يازغان بولسا، ھېلىھەممۇ شۇ ئىرادىسى بىلەن يات تۇپراقلاردىكى تۈرلۈك – تۈمەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز سەھىپىسىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرماقتا.

 

دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى ۋە ئانىلار تورى ئەنە شۇنداق پىداكار، ئوت يۈرەك ئانىلارنىڭ قەلەملىرى بىلەن ئات چاپتۇردىغان سەيناسىدۇر.

 

دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى ئانىلار تورى 2018- يىلى فېۋرالدا  پىشقەدەم يازغۇچى دىلدار  ئەزىز خانىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەقسىز، مىننەتسز قوللىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئانىلار تورى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قىسقىغىنە 3 يىل مابەينىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يازغۇچى ئانىلارنىڭ 300 پارچىدىن ئارتۇق  ئەدەبىي، ئىلمىي، ئىجادىي ئەسەرلىرىنى، شۇنداقلا بىر تۈركۈم نادىر چەتئەل ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ۋە ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى.

 

ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىگى ئانىلار تورى ئامېرىكا ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيتىنىڭ قارمىقىدىكى تور سۇپىسى بولۇپ ، بۇ جەمئىيەت 2012- يىلى دېكابىردا دىلدار ئەزىز خانىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغان.‌

 

دىلدار ئەزىز خانىم ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا 10 پارچە ئەدەبىي ئىجادىيەت كىتابى، فرانسۇز تىلىدا بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى، ئىنگىلىز ۋە خىتاي تىلىدا نۇرغۇن ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.‌ پىشقەدەم يازغۇچى، تۆھپىكار ئانا — دىلدار ئەزىز خانىم ئەينى زاماندا يەنە ۋەتەندە نەشىر قىلىنغان  «شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى ژۇرنىلى» نىڭ 45- سانىغىچە‌ مۇھەررىرى ۋە ئالى  مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

 

يازغۇچى ۋە پەلسەپە پەنلىرى دوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دىلدار ئەزىز خانىم قانىتى سۇنغا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قانات بولۇش، ئەدەبىيات ساھەسىدە ياش نوتىلارنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى ۋە ئانىلار تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى، قەلەم ساھىپلىرى بولغان ئانىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلۇغۋار نىشان يولىدا تىرىشماقتا.

 

بىز بۈگۈنكى ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆيۈملۈك دلدار ئەزىز خانىمنى ۋە ئانا يازغۇچىلار بىرلىكىدىكى بارلىق قەلەمكەش ئانىلارنى، ئانىلار تورىنىڭ ئەزالىرنى تەبرىكلەيمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدىمىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز .

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بايدىن: خىتاينىڭ تامىقىمىزنى يەۋىلىشىگە يول قويمايمىز

يە ماي 9 , 2021
«فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى» خەۋىرى: خوڭكوڭ «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ دوكلات قىلىشىچە، بايدىن 6- ماي لۇئىسىئانا شىتاتىغا «ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش لايىھىسى» نى ئومۇملاشتۇرغىلى بارغان. ئۇ چارلىز كۆلىدىكى كالكاسىي دەرياسى كۆۋرۈكى (Calcasieu River Bridge) نىڭ ئالدىدىكى لېكسىيەسىدە، ئامېرىكىدا بۇنداق جىددىي رېمۇنت قىلىشقا تېگىشلىك كۆۋرۈكتىن نەچچە مىڭىنىڭ بارلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى مەبلەغ سېلىشقا سەل قاراپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيىسىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى، خىتاينىڭ بولسا تېز يېتىشىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

You May Like