ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
تەييارلىغۇچى: سەبرى
2020-يىلى 21-مارت
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى «مۇڭغۇل يېزىقى دۆلەت پىلانى» (3) نى رەسمىي ماقۇللاپ، 2025-يىلىدىن باشلاپ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى مۇڭغۇل يېزىقىنى (يەنى كونا مۇڭغۇل يېزىقى) تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ پىلانغا ئاساسەن، موڭغۇلىيە 2025-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلىرىدا كىرىل مۇڭغۇل يېزىقى ۋە كونا مۇڭغۇل يېزىقىنى بىرگە قوللىنىپ، بۇندىن كىيىن پۈتۈنلەي كونا مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىكەن.
تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى، موڭغۇلىيە 1946-يىلى كونا مۇڭغۇل يېزىقىنى بىكار قىلغان بولۇپ، كىرىل ھەرپلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن يېڭى مۇڭغۇل يېزىقىنى (يەنى كىرىل مۇڭغۇل يېزىقى) ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئىچكى موڭغۇلدا بولسا ئىزچىل كونا مۇڭغۇل يېزىقى قوللىنىلماقتا.
![](https://iuyghur.com/wp-content/uploads/2020/03/22852094_1635872926474517_8822735806282505852_n.jpg)
چىڭگىزخان ئۇيغۇر يېزىقىنى دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە قۇبۇل قىلغان بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئۇيغۇرلار تۈزۈپ بەرگەن مۇڭغۇل تىلى ئېلىپبەسى تا ھازىرغىچە موڭغۇللار تەرىپىدىن قوللىنىلماقتا.
مەنبە: شىنخۇا تورى/ ۋىكىپىدىيا