2022-يىللىق فىرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئاياغلاشتى

2022-يىللىق فىرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئاياغلاشتى

 2022-يىللىق فىرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئاياغلاشتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 10-ئاپرېل

پارىژ ۋاقتى 10-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى كەچتە 2022-يىللىق فىرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئاياغلاشتى. نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت، « جۇمھۇرىيەت ئالغا» پارتىيەسى كاندىداتى ئېممانۇئەل ماكغوڭ  28.1% نىسبەتلىك قوللاش بىلەن، رادىكال ئوڭچىلارنىڭ ۋەكىلى، « ئۇيۇشقان مىللەت» پارتىيەسىدىن كەلگەن ماغىن لۆپەن Marine Le Pen بولسا 23.3% نىسبەتلىك قوللاش بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 24-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئايلانمىغا كىردى.

 

بۈگۈنكى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان 12 ۋەكىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان يېشىللار پارتىيەسى كاندىداتى يانىك ژادو (Yannick Jadot) بىلەن سوتسىياللار پارتىيەسى كاندىداتى ئان ھىدالگو (Anne Hidalgo) ئايرىم ئايرىم ھالدا 4.3% ۋە 2% لىك نەتىجە بىلەن شاللىنىپ قالدى. رادىكال سولچى، «تىز پۈكمەس فىرانسىيە» پارتىيەسى كاندىداتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەن ژاڭ لۈك مېلاڭشوڭ (Jean-Luc Mélenchon) نىڭ قوللاش نىسبىتى 20.1% نەتىجە بىلەن ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ شاللىنىپ قالدى.  

فىرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ قائىدىسى بويىچە بىرىنچى ئايلانمىدا ئەڭ يۇقىرى قوللاشقا ئېرىشكەن ئىككى كاندىدات ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاخىرقى سايلام رىقابىتىگە چۈشىدىغان بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ئايلانمىدا قايتىدىن بېلەت تاشلىنىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلاپ چىقىلىدۇ. فىرانسىيەدە پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل قىلىپ بېكىتىلگەن.

كاندىدات ماغىن لۆپەن بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن بولۇپ،  2012 ۋە 2017-يىللىرى ئىككى قېتىم پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان . 2017-يىلىدىكى سايلامدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەل قىلغۇچ ئايلانمىغا كىرگەن ئەمما نەتىجىدە 33.9% لىك بېلەت بىلەن ھازىرقى پرېزىدېنت ئېممانۇئەل ماكروڭغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. بۇ ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماغىن لۆپەن رادىكال مىللەتچى بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن شۇنداقلا ياۋرو پۇل بىرلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىنى قوللايدۇ. تاشقى سىياسەت جەھەتتە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ، گەرچە ئۇ بۇ قېتىمقى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا رۇسىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە فىرانسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت ماغىن لۆپەن فىرانسىيەدىكى ئېرقۋازلىققا قارشى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «مۇسۇلمانلارغا قارشى سۆزلەرنى قىلغان»، «فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان چەتئەللىكلەرنى تۆۋەن كۆرىدىغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن» دېگەندەك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغان.

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

لاگېر شاھىتلىرىدىن جىددىي چاقىرىق

يە ئاپرېل 10 , 2022
لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكالى، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىل، گۈلباھار خاتىۋاجى ،سايراگۈل ساۋۇتبايلار جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزمەكچى! بۇ ھەقتە لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكالى ئەپەندىمنىڭ فايسبوك ھېسابىدا تارقاتقان ئۇچۇرىنى ئۆز پېتى ئالدۇق. ۋە پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلارغا ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى چاقىرىق قىلىمىز!

You May Like