ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى ئوسلو دېڭىز قولتۇقىغا كىردى.

نورۋېگىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانى مايور گېنېرالى رۇنە ئاندېرسېن (Rune Andersen) مۇنداق دەيدۇ: «نورۋېگىيەگە كېلىش ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قارارى بولۇپ، نورۋېگىيە بۇنى قارشى ئالىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2023- يىلى 25- ماي

 

نورۋېگىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانى مايور گېنېرالى رۇنە ئاندېرسېن (Rune Andersen) مۇنداق دەيدۇ: «نورۋېگىيەگە كېلىش ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قارارى بولۇپ، نورۋېگىيە بۇنى قارشى ئالىدۇ.»

 

مۇشۇ چارشەنبە (24- ماي) ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى Gerald R. Ford ئوسلو دېڭىز قولتۇقىغا كېلىپ توختىغان بولۇپ، 4500 نەپەر ئامېرىكا ماتروسى پايتەختتە قىرغاققا چىقتى.

 

رۇنە ئاندېرسېننىڭ دېيىشىچە نورۋېگىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئالتىنجى پاراخوتى ئۇزۇندىن بېرى قويۇق ھەمكارلىقتا بولىۋاتقان بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا بولغان قىزىقىش ۋە ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشى ھەربىي فلوتنىڭ ياۋروپاغا كېلىشىدىكى سەۋەب ئىكەن. ئۇ يەنە ھەر كۈنى دېگۈدەك تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭمۇ پورتقا بېرىپ زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ رۇسىيەگە كۈچ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس ئىكەن، ئەمما ياۋروپا دېڭىز ساھەسىدە بۇنداق كۈچنىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى كوللىكتىپ قوغدىنىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئاندېرسېن مۇخبىرنىڭ «بۇ ئىشنىڭ رۇسىيەگە بېرىدىغان سېگنالى نېمە؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب مۇنداق دەيدۇ: «رۇسىيەگە بېرىدىغان سېگنال بولسا بىز ئۆزىمىزنى قوغدىيالايدىغان كۈچلۈك ئىتتىپاق. بىزنىڭ كۈچىمىز ناتو (ش ئا ئە ت) دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقىدىن كەلگەن.»

ئاندېرسېننىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىقلار نورۋېگىيەگە كېلىپ چېنىقىدۇ ۋە ئوچۇق دېڭىزدا مەشىق قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار تۇرىدۇ. رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن بۇيان، نورۋېگىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ناتو دۆلەتلىرى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشكەن.

بىلمەسجان تەييارلىدى.

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تۈركىيە ئىچكى ئ‍شلار منستىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتا سۆزلىرىنى ئەيىپلەيدۇ

پە ماي 25 , 2023
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تۈركىيە ئىچكى ئ‍شلار منستىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتا سۆزلىرىنى ئەيىپلەيدۇ

You May Like