سەدەف
بىلسەكمۇ گەرچە مەۋجۈتلىقىنى
بىلمەيتتۇق بۇ قەدەر يىقىنلىقىنى.
شۇئان سىرىتتا
ھەممە يەردە
ئۈلۈم بار.
خۇددى بىزنى ماراپ تۇرۇۋاتقاندەك
قورقىمىز ئىشىكلەرنى ئېچىشتىن.
ئىلگىرى
بىز ياخشى كۆرگەن ھەر نەرسە
ئۈلۈم كەبى كۈرۈنۈدۇ كۈزىمىزگە.
باغچىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرالمايمىز،
ئىلەڭگۈچلەردە ئۇچالمايمىز،
ئۈلۈم يۇقۇپ قالغان ئۇ يەرلەرگە.
مەن سىنى سېغىنسام
سەن مىنى سېغىنساڭ
پەقەت ئۇزاقتىن قارايمەن ساڭا،
قوللىرىڭنى تۇتالمايمەن
باغرىمغا باسالمايمەن
ئۈلۈم بار مەندە
ياكى سەندە.
بۈگۈن ئۈلۈم ھەر يەردە بار،
خۇددى تۆنۆگۈن ھىچ يوقتەك،
مۇمام، بۇۋام ،دادام ،ئاپام ئۈلۈپ كەتمىگەندەك.
ئەسلىدە ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمەن ئۈلۈمنى،
مىھرىبان ئانامنىڭ «ئۈلۈم قاش بىلەن كۆز ئارلىقىدا» دىگەن سۆزىنى.
بۈگۈن، دەرىزەمدىن باققىنىمدا سىرىتتىكى ئۈلۈمگە
ئەسلىدىم ھەممىنى.