تۈرك كېڭىشىنىڭ 2040- يىللىق پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئېلىنمىدى

تۈرك كېڭىشىنىڭ 2040- يىللىق پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئېلىنمىدى

ئۇيغۇر يۈرەك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 2-ئاپرېل

 

31- مارت تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق بىرلەشمىسى بولغان تۈرك سوي (تۈرك ئىرقى ) كېڭىشى يېغىنى ئاچتى. خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ يېغىن توردا ئېچىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 

مەزكۇر يېغىندا قازاقستان سابىق پىرېزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف تەرىپىدىن مەدەنىيەت شەھىرى قىلىپ بېكىتىلگەن «تۈركستان» شەھىرىنى تۈرك دۇنياسنىڭ مەنىۋىي پايتەختى قىلىش قارار قىلىندى.

 

يېغىندا تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقى، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقستان ئىقتىسادىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىغا، تۈركىيەنىڭ دۇنياۋىي تەسر كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىلدى.

 

قازاقستان ئەھمەد يەسسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرك دۇنياسدىكى مۇھىملىقى، مەنىۋىي رولى تەكىتلەندى.

 

مەزكۇر يېغىندا، ئۇيغۇر خەلقى ۋە شەرقىي تۈركستاندىكى باشقا خەلقلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تىلغا ئېلىنمىدى.

 

ئۇيغۇر مىللىتى — تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارسدا تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، تۈركىي تىلى ۋە مەدەنىيتىگە قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور بىر خەلق بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي ھاكىمىيتى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنماقتا.

 

تۈرك كېڭىشى 2009- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەزالىرى تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئەزالىرى ۋە ۋېنگرىيە (ھونگرىيە) كۆزەتكۈچى دۆلەت بولۇپ يىلدا بىر نۆۋەت يېغىن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

 

8- نۆۋەتلىك كېڭەش تۈركىيە پرېزدېنتى ئەردوغاننىڭ تەكلىپى بويىچە 2021- يىلى نويابىردا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانماقتا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا قوللىدى، «شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرىغا زەربە بىرشتە خىتايغا ياردەم بەردۇق.»

يە ئاپرېل 4 , 2021
ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا قوللىدى، «شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرىغا زەربە بىرشتە خىتايغا ياردەم بەردۇق.»

You May Like