ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 5 ساھەسىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك چەكلىمە قويدى
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-ئاۋغۇست، ئۇيغۇر ئالپ تەييارلىدى
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئىلان قىلىپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات، مىس، لىتىي، كاۋستىك سودا، چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى بويىچە چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مۇنداق دېگەن:
«بۈگۈن @Sec_Noem ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە خىتاينىڭ يېڭى سانائەت ساھەلىرىنى يۇقىرى دىققەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا پولات، مىس، لىتىي، كاۋستىك سودا ۋە چىلان قاتارلىقلارنى يۇقىرى مۇھىملىق تىزىملىكىگە قوشتى، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئشلەنگەن خىتاي ماللىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنى چەكلەيدۇ.»
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مىنىستىرى كرىستىن نوئەم مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە خەتەر سالىدىغان تەھدىتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەخلاقىي، ئىقتىسادىي ۋە مىللى بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسئۇلىيىتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا خەلقىنى پايدىسز ئورۇنغا چۈشۈرىدىغان ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزنى چەكلەيدىغان ئادالەتسىز سودا ھەرىكەتلىرىمۇ بار. ترامپ ھۆكۈمىتى تەدبىر كۆرۈۋاتىدۇ. قۇل ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى يىرگىنىشلىك ۋە بىز خىتاي شىركەتلىرىنى سۇيئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىمىز قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەرىكەتلىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىمىزگە كەلتۈرىدىغان تەھدىتىنى يوقىتىمىز.»