ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 20-ئاۋغۇست
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات دىپلومات ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىلغارلىرىنى يوقىتىش» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەتقىقاتچى-ئالىملىرى، زىيالىيلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنى ئىزچىل تۈردە يوقىتىش سىياسىتى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، بۇ ھەقتە مەخسۇس ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالغان.
ئۆمەر قانات ماقالىسىدا، راھىلە داۋۇت، ئىلھام توختى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى قاتارلىق يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىلغارلارنى يوقىتىش سىياسىتىدە ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى مىسال قىلغان.
ئۆمەر قانات مۇنداق دېگەن:
«قىسقىچە ئېيتقاندا: ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ۋە شائىرلىرىنى مەڭگۈلۈك قاماپ قويۇشقا مۇۋەپپەق بولسا، بۇ قىرغىنچىلىق بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشتۇر. ئەكسىچە، تۈرمىدە ئازاپلىنىۋاتقان زىيالىيلارغا پەرۋا قىلماسلىق، بىز شەرقىي تۈركىستان دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى نورماللاشتۇرۇشتۇر. دۇنيانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى كەلدى. ئامېرىكا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلىشى، ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە نەشرىياتلار خىتايدىكى زىيالىيلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىۋاتقان ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىشى كېرەك.»
نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوبزور ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش – ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۆمەر قانات ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە بۇرالغان، ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ دىققەت مەركىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن كۆرە، ئىچكى مەسىلىلەرگە بەكرەك قارىتىلغان بىر چاغدا، بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچىمىزنى خەلقئارا جەمئىيەتنى، داڭلىق ژۇرناللارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇنتۇپ قالماسلىققا، ئەكسىچە كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىپ تۇرۇشىمىز لازىم.»