خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈپ رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئومۇمىي سايلام يىغىنى 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇل سەفاكۆيدە ئۆتكۈزۈلۈپ، رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى.

يىغىن شەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا باشلىنىپ 14:00 تە ئاخىرلاشتى. يىغىنغا بىرلىكىمىزگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 50 كىشى قاتناشقان بولۇپ يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان يىغىندا ئالدى بىلەن بىرلىكنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلىق رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى بىرلىكنىڭ ئېلىپ بارغان خىزمەت – پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بەردى. كېيىن، ۋەكىللەرنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سايلام كومېتىتى قۇرۇلدى.

يىغىندا سايلام كومېتىتى تەرىپىدىن سايلام قائىدىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىرلىكنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاشقا كىرىشىلدى. سايلامدا 9 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى.

سايلام كومېتىتىنىڭ ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسى بويىچە، خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ سابىق ۋاقىتلىق رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى رەسمى رەئىس بولۇپ سايلاندى. مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئۇبۇلقاسىم زەرەپشان ۋە مۇساجان ئەر قاتارلىق ئىككى كىشى سايلاندى. بىرلىكنىڭ باش كاتىپلىققا زىكرۇللاھ ئالىم، مالىيە مەسئۇللىقىغا نىزامىددىن تەمكىنى، ئاياللار ۋە ئائىلە ئىشلىرى مەسئۇللىقىغا مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سايلاندى. شىۋېتسىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئىبراھىم يۈسۈپ ئەپەندى بىرلىكنىڭ ياۋروپا ۋەكىللىكىگە، دوكتۇرانت ئابدۇسالام تەكىلىماكان ۋە مەردان ئۇيغۇر بىرلىكنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن يېڭىدىن سايلانغان نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى ۋە 9 كىشىلىك ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىرى 2025 – يىلى 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن باشلاپ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە رەسمىي تۈردە ۋەكىللىك قىلىپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ۋە قانۇنلۇق مەسئۇللىرى دەپ قارىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىدارە ھەيئىتى

04.08.2025

https://www.facebook.com/udtsb1/posts/pfbid0twxRhwMmhBJcJHoNJ52AaPtfb9TMCPzxMkiii8xSZGAJGZzaTaGQzuJGMuzoviNQl

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

سەنۇبەر تۇرسۇن ئۇيغۇرچە «سالام ئەليۇرت» ناخشىسىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە سۇنغان

چا ئاۋغۇست 6 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز سەنۇبەر تۇرسۇن ئۇيغۇرچە «سالام ئەلەيكۇم» ناخشىسىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە سۇنغان. تورداشلار ئەيىپلىمەكتە. يېقىندا تارقالغان ۋىدىئودا كۆرسىتىلىشىچە، داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە مېلودىيە، ئۇيغۇرچە تېكست بىلەن ئورۇنلاشقان ناخشىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايچە قوشۇپ ئوقۇغان. تورداشلار ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنى ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنى ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن […]
سەنۇبەر تۇرسۇن

You May Like