شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەققىدىكى باياناتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەققىدىكى باياناتى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى بىلەن، مەرھۇم رەھبىرىمىز ئ‍ابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ باشلامچىلىقىدا بەرپا قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى 2006-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاساسىدا تەدرىجىي كېڭەيگەن، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ يېتەكچى مۇھاپىزىكار جامائىتى بولغان رەسمىي بىر ھەرىكەتتۇر. ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بەرپا قىلىنغان مائارىپ ھەرىكىتىگە تەۋە بولغان تەشكىلاتلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەت بىرلىكىنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولسا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئىجرائىي ئورگانلىرىدۇر.

2025-يىلى 29-، 30-ئىيۇل كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە مەجلىسىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى،  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەتلىرى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، ھەرىكەتنىڭ باش نىزامنامىسىنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش ۋە ۋەزىيەتكە قارىتا ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش كۈنتەرتىپلىرى بىلەن بۇ ھەرىكەتنىڭ باش ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتى ئەركىن سايلام ئارقىلىق بېكىتىپ چىقىلدى. سايلام ئارقىلىق 11 كىشىلىك شۇرا ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە بارلىق ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق نازارەت ۋە قارار چىقىرىش ئورگىنى ئىكەنلىكى قارارلاشتۇرۇلدى ۋە يۈز بەرگەن كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش چارىلىرى ماقۇللاندى.

2025-يىلى 2-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەركىن سايلىمى ئارقىلىق، بىرلىكنىڭ يېڭى ئىدارە ھەيئىتى سايلىنىپ چىقىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتىنىڭ تەستىقى بىلەن رەسمىي خىزمەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ يىلتىز تەشكىلاتى بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ شەخسىي ئىنتىزامسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتىنىڭ بىردەك پىكرى ۋە مائارىپ جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ (ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىچىدە) قوشۇلۇشى بىلەن 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەزالار ئارا سايلام ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانىدى ۋە ئەزالىرىغا ئۇختۇرۇش قىلغانىدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئەمما شەخسىي قىلمىشلىرى، جامائەت ئوبرازىغا سالغان زىيانلىرى سەۋەبىدىن تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن ئىستېپا بېرىپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باش نىزامنامىسى، تەشكىلىي ئىنتىزاملىرى، دەۋا روھى ۋە قېرىنداشلىق شۇئۇرىغا ھۆرمەت قىلماستىن، شۇنداقلا 29-، 30-ئىيۇلدا ئېچىلغان مائارىپ ھەرىكىتى كېڭەش ھەيئىتىنىڭ بىر ئەزالىق سالاھىيىتىگە خىلاپ ھالدا مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگانلىقىنى ئېتىراپ قىلماستىن، ئۆز ئالدىغا «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى جەمئىيىتى (Doğu Türkistan Maarif Hareketi Derneği)» نامىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ شەرەپلىك نامىنى سۇيئىستېمال قىلىدىغان بىر جەمئىيەت قۇرۇپ، جامائەتنى قايمۇقتۇرۇپ، دەۋا ئەخلاقىغا خىلاپ بىر قىلمىش سادىر قىلغان ۋە 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدا بۇ جەمئىيىتىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە (ئەسلى مەقسەتنى يۇشۇرغان ھالدا) شەخسىي نامىدىن كىشىلەرنى تەكلىپ قىلغان. (يىغىن چاقىرىقى ئارخىپتا مەۋجۇت).

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سادىر قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى يىللاردىن بۇيان ئۆزى ئىچىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ نىزامنامىسىگە، 29-، 30-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئومۇمىي كېڭەشنىڭ قارارلىرىغا، مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتىنىڭ قارارىغا تۈپتىن قارشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەركىتىگە قىلىنغان بىر خىيانەت دەپ قارىلىدۇ.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۆزىنىڭ ھۆر قەلىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىگە بەرگەن ئەھدىسى، يەنى 29-، 30-ئىيۇلدا ئېچىلغان كېڭەش مەجلىسىدە خاتىرىلەنگەن (ئارخىپتا مەۋجۇت) ئىمزالىق ئەھدىسى، شۇرا ھەيئەت سايلانغاندىن كېيىنكى جامائەت ئالدىدا قىلغان ئاغزاكى ئەھدىسى (ۋىدېئولۇق ئارخىپتا مەۋجۇت) ۋە پۈتۈن كېڭەش ئەزالىرى ھازىر سورۇندا جامائەتكە سۇنغان ئاغزاكى ئەپۇسى (ۋىدېئولۇق ئارخىپتا مەۋجۇت) ۋە ئۆز خاتالىقىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرىدىن ساۋاق ئالماستىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى نامىدا تەشكىلات قۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسىغا بېسىلغان ئاھانەت تامغىسىدۇر. بۇ ئاھانەتنىڭ تەشكىلىي پىرىنسىپقا، دەۋا ئىستىلىغا، خەلقنىڭ ئامانىتىنى قوغداش روھىغا تۈپتىن قارشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتى مەزكۇر بايانات ئارقىلىق ئەزا تەشكىلاتلىرى ۋە مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ دەۋاسىغا سادىق بارلىق تەرەپلىرىگە، شەرقىي تۈركىستان جامائەتلىرىگە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت، تەشكىلىي ئورۇنلارغا، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى يېتەكچى كۈچلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ھەرقانداق پىكرىي ۋە ئەمەلىي ئىجرالاردا سۆز قىلىش، ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ قارار بايانات ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن تارتىپ كۈچكە ئىگە.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

2025-يىل 14- ئاۋغۇست

مەنبەسى:https://www.facebook.com/udtsb1/posts/pfbid0t5q2zuwDa8BTdUhaY6d1zBkXC4QifWKQfiUjiUebzdhSK28nbPpLSTMPZEb4aeidl

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like