ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-ئىيۇل
ئاداس ئىسرائىل يەھۇدىي تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆتكۈزىدىغان ئايلىق نامايىشى داۋام قىلماقتا.
ۋاقتى: 2025-يىلى 25-ئىيۇل، ئورنى: خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە لاگېر شاھىتلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئەزالىرىدىن ئۆمەر قانات ۋە لوئىسا قاتارلىقلار قاتناشقان.
ھەر ئايلىق مەزكۇر نامايىش 5-ئايدا 50-ئايغا قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر تايمىز ئىنگلىزچە قانالى ئۆتكەن ئايدا ئاداس ئىسرائىل تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ئىككى كىشىنى 50 ئاي ئۇزلۇكسىز ئۇيغۇرلارنى قوللاپ مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارەت قىلىپ، خەۋەر ئېلان قىلغان. زىيارەتنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ:https://uyghurtimes.com/never-again-means-now-a-jewish-response-to-the-uyghur-crisis-interview-with-adas-israel/