ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى ياپونىيە پارلامنىتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چتېشلىق شركەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 19-ئ‍يۇن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى ياپونىيە   پارلامېنتىدا  بىر مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى . يېغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى ۋەكىللىرى قاتناشقۇچىلارغا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سياستىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قسمى بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرى ئ‍ەمگىكى ھەققىدە تەييارلىغان تەپسلى دوكلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، مەزكۇر دوكلاتتا ختاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى- ياپونىيەدىكى چوڭ شركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شركەتلەرگە چتېشلىق ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغان.

مەزكۇر دوكلاتتا، 30 ياپونىيە شركىتى ۋە ياپونيەدە تېجارەت قىلىدىغان 4 ختاي شركىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتشلىق ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغان.

يېغىنغا يەنە، ياپونىيەدىكى  ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان سىياسىيونلار، تەتقىقاتچىلار قاتناشقان بولۇپ،  كېلەچەكتە ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولۇش ئ‍ېھىتماللىقى بار دەپ  قارالغان  تاكايىچى خانىممۇ قاتنىشپ مۇھىم  سۆز قىلغان ۋە يايونىيە كارخانىلىرىنى ختاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ياپونيە ئۇيغۇر جەمئىيتىنڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە ئائىت بۇ دوكلاتى-مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى  ئەخمەتجان تەرىپىدىن بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ  تەييارلاپ چىقىلغان. يىغىنغا 20 گە يېقىن مەتبۇئات خادىملىرى ۋە 20 گە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە كاتىپلار كەلدى. 

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ بىر ئەزاسنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۇرۇشىچە ، ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇنداق جىددى پائالىيەتكە  بۇنداق كۆپ مۇھىم ئادەملەرنىڭ قاتنىششى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال  بولۇپ، بۇ قوللاش-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم سىگنال ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەن.

سۈرەتلەرنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى تەمىنلىگەن

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئارگېنتىنا يۇقىرى جىنايى سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنىڭ ئ‍اساسنى قوبۇل قىلدى

دۈ ئىيۇن 23 , 2025
ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى، 23-ئېيۇن 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئارگېنتىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى جىنايى مەھكىمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېلوسىنى ئېچىش توغرىسىدا تارىخى قارار چىقاردى. مۇھىم نۇقتىلار: • دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى  ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقى ئادۋوكاتلىرى بۇ دېلونى 2022-يىلى ئاۋغۇستتا باشلىغان. • مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، […]
ئارگىنتىنا

You May Like