ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن؛ توغراق تەييارلىدى
ئۆمەر قانات ئەپەندى 15- ئىيۇن ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دېپلومات ژورنىلىدا،« ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشتىن قۇتۇلۇش كۈرىشى: خىتاينىڭ تارىخي مەدەنىيەتنى يوقىتىش پىلانى» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر مۇھاجىرىتى دۈچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ بالىلىق ھاياتى، دېئاسپورادىكى ئابدۇۋېلى ئايۇپ، تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن.
ئۆمەر قانات ئەپەندى ماقالىسىدا؛« 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇر تىلى كۈنى بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى مەدەنىيەت پائالىيىتى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر ھەرىكەت چاقىرىقى سۈپىتىدە تەبرىكلەيدۇ، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز تىلىمىزنىڭ يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكىگە تىرشچانلىق قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقۇتۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى، بىز بىر تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ، بىر خەلقنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز».
ئۆمەر قانات بۇ ماقالىدا يەنە بالىلىقىنى ئەسلەپ:«مەن 9 ياش ۋاقتىمدا شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلدىم. ئائىلەم سىياسىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ ئافغانىستاندا ئولتۇراقلاشتى. نۇرغۇن كۆچمەن ئائىلىلەرگە ئوخشاش، بىز ئاسىمىلاتسىيە قىلىش، دارى ،پۇشتۇ ، ئىنگلىز تىلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بېسىمىغا دۇچ كەلدۇق. ئەمما دادام مۇنداق بىر قائىدە چىقاردى: ئۆيدە بىز پەقەت ئۇيغۇرچە سۆزلەيمىز. مەكتەپتە مەن باشقا ھەممە نەرسىنىئ ۆگەندىم ، ئەمما ئۆيدە ئۇيغۇر تىلى ئىدى. ئاتا-ئانامنىڭ پىداكارلىقى مېنىڭ ئەدەبىيات ، پەلسەپە ۋە تارىخىمىزغا چوڭقۇرچۆكەلەيدىغانلىقىمدىن دېرەك بەردى. ئاخىرىدا ، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر مۇلازىمىتىدە ئالىي مۇھەررىر بولدۇم. بۇ بىرئەۋلاد مۇھاجىرەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئانا تىلىنى يوقۇتۇشقا قارشى رەت قىلىش كۈچى ئىدى.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ، ۋەتىنىمىزدە ، خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېينكى ئەۋلادلارغا داۋام قىلىشىنى توسماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» بالىلارنى ئۇيغۇرچە ئەمەس ، بەلكى خىتايچە ئوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىشمۇ مەنئى قىلىنغان. بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. بەلكى بۇ، بىر تىلنى، بىرمەدەنىيەتنى يوقۇتۇش قىرغىنچىلىقى! ».
ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ماقالىدا؛ «خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى كۆيدۈرۈشى، زىيالىلارنى، ئوقۇتقۇچى-ئالىملارنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە بۇ يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىلا توختاپ قالماي ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەھشىيلىكنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئانا تىلىمىزنى سۆزلەشنى ئۆگەنگەن ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسى، ھەتتا ھەر بىر شېئىر،ھەر بىر ناخشىنىڭمۇ بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى جەڭنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، دېئاسپورادا ئانا تىلىمىزنى، كىملىكىمىزنى قوغداش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىشانىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى جاكارلايمىز» دېگەن!