ئاۋۇسترالىيەنىڭ سېدنېي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە دۈچ كەلگەن

18-ئېيۇن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن؛ توغراق تەييارلىدى

مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاۋۇسترالىيەنىڭ سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچ نامايىش بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە دۈچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە شۇ كۈنكى نامايىش جەريانىدا، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئەزالىرىدىن تەلغات ئەپەندى، مىجىت ئاكا ۋە يۈسۈپ ھاجىم قاتارلىقلار سىدنېي شەھەر مەركىزىدە تىنچ نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا  ئۇيغۇر ۋەباشقا تۈركى خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاۋۇسترالىيەلىكلەرگە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. نامايىش جەريانىدا بىر قىسىم خىتايلار تەرىپىدىن تىل-ھاقارەت، قورقۇتۇش ۋە ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە  دۇچ كەلگەن. 

ئاۋۇسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە؛  بۇ جەمىيەت ئەزالىرى تېنچ ھالدا نامايىش قىلىۋاتقاندا، بىر خىتاي ئەر ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، تەشۋىقات تاختايلىرىدا كۆرسىتىلگەن خەرىتە ۋەئۇچۇرلارنى سوراشقا باشلىغان. ئاۇۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن تالىپ تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى چۈشەندۈرگەن.  

ئارقىدىن بۇ خىتاي ئەر نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسىم تەشۋىقات تاختايلىرىنى بوزۇپ،  بايراققا ھۇجۇم قىلغان.  بۇ ئىشتىن كېيىن، ئاۋۇسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن  ساقچىلار كەلگەنگە قەدەر بۇ شەخسنى توسۇپ تۇرغان.  بۇ خىتاي تاجاۋۇزچى نامايىش ماتېرىياللىرىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇلغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۆمەر قانات  15- ئىيۇن ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دېپلومات ژورنىلىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان

چا ئىيۇن 18 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن؛ توغراق تەييارلىدى ئۆمەر قانات ئەپەندى 15- ئىيۇن ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دېپلومات ژورنىلىدا،« ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشتىن قۇتۇلۇش كۈرىشى: خىتاينىڭ تارىخي مەدەنىيەتنى يوقىتىش پىلانى» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر مۇھاجىرىتى دۈچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ۋە ئۇيغۇر […]
ئۆمەر قانات

You May Like