نورۋېگىيە بېرگېندە مەشرەپ ۋە مىڭ ئۆي


«مەشرەپ ۋە مىڭ ئۆيىمىزگە كېلىڭ!
» دەپ باشلانغان ئېلان مۇخبىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ خەۋەرنى نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر يار Uyghur Hjelp
تارقاتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئاۋغۇستنىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە بېرگېن شەھرىدە ئۇيغۇرلار بالىلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇرژىكى ئۇيۇشتۇرماقچى ئىكەن. كۇرژىكتا
15 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغاي پەرزەنتلەرگە مەشرەپ ئويناشنى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى، مۇزىكا چېلىشنى، مىڭ ئۆي ياساشنى، رەختلەرگە ئۇيغۇرچە نۇسقا قوندۇرۇشنى، سەرگەزچىلىكنى ئۆگەتمەكچى ئىكەن.
مەزكۇر كۇرژىككا تەجرىبىلىك
ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ئۇلار:
مىڭ ئۆي تەتقىقاتچىسى، رەسسام نىجات ھۇشۇر، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان،
سەرگەزچىلىك ئۇستاسى زۇلھايات ئۆتكۈر، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئانسانبىلىنىڭ ئەزاسى، تەمبۇر، دۇتار ۋە ساتار ماھىرى مىركامىل تۈركەل،
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىكەن.
بۇ كۇرژىك تۇنجى قېتىم «ئۆتمۈشكە سەپەر» دېگەن نامدا 2023-يىلى بېرلىندا، ئىككىنچى قېتىم 2024- «مەشرەپ ۋە مىڭ ئۆي»دېگەن ئىسىم بىلەن ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قۇربان ھېيتلىق سياسيلاشقان  ئويۇن قويدى

سە ئىيۇن 10 , 2025
ئۇيغۇر تايمىز-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 10-ئېيۇن يۇقىرى دەرىجىدە تەشكىللەنگەن تەشۋىقات ئويۇنىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە—ئاتالمىش ، سىمۋوللۇق «شىنجاڭ خەلق تىياتىرى» مەيدانىدا قۇربان ھېيت تەبرىك ئۇسۇلىنى ئۇيۇشتۇردى، بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان ناخشىلار ۋە سەھنىلەشتۈرۈلگەن مىللىي ئۇسسۇل نۇمۇرلىرى كۆرسىتىلدى. زۇلۇمنى ئاقلاش ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھېكايىسىنى تەرغىب قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق […]
قۇربان ھىيت

You May Like