ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ماي
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا تاللاپ ئەۋەتىدىكەن. بۇ بىرلا ۋاقىتتا خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈلمەيۋاتقان پۇتبول ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئىنكار قىلغۇسىز كۈچى ۋە رولىنى كۆرسىتىدۇ.
5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ختاي تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پەن-مائارىپ مەھكىمىسى 2025-يىللىق تولۇق كۇرسقا كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كۆرسىتىش ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ختاي يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ ئەرلەر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى ئەلشىر ئۆمەر بىلەن ختاي ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بەھرام ئابدۇۋەلى بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنېۋرستىتىغا كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان بولدى.
ئەلشىر بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن بولۇپ، باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسىدا تۇغۇلغان. 2024-يىل 3-ئايدا، ئۇ 45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا زال ئىچىدە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك رېكورتىنى يېڭىلىغان. ئارقىدىن يەنە 45 سېكۇنت 53 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن، ئۆزىنىڭ زال سىرتى مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى يېڭىلىغان. ئۇ بۇ تۈردىكى دۆلەت ئىچىدىكى رەسمىي بىردىنبىر خەلقئارالىق تەنھەرىكەت ماھىرى.
بەھرام بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن،غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ ختاي ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى، شۇنداقلا ختاي پۇتبولچىلىقى قۇرامىغا يەتكەنلەر دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن رەسمىي خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتناشقان بىردىنبىر ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى.
ختاينىڭ دىيشىچە، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بوكس، چېلىشىش، جۇدو قاتارلىق تۈرلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى، ئاتالمىش شنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋرستىتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىكەن.