ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېڭى رەھبەرلىك سايلاپ چىقتى


سىدنېي، 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى —

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۈگۈن سىدنېيدا يىللىق سايلام يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا جەمئىيەت ھەيئەت ئەزالىرى ۋە جامائەتتىن بىر قىسىم كىشىلەر قاتناشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سايلامدىن ئىلگىرى، جەمئىيەتنىڭ سابىق رەئىسى مەھمەت ئوبۇل ۋە كاتىۋى مەھمەت جەلەبجى ئالدىنقى 3 يىللىق خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. مەھمەت ئوبۇل ئۆز دوكلاتىدا ئۆتكەن مەزگىلدىكى جەمئىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە مەۋجۇت يېتەرسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا مالىيە ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.
سايلام نەتىجىسىدە، بەختىيار بۆرە يېڭى نۆۋەتلىك جەمئىيەت رەئىسى، جەلەبجى بولسا كاتىپ بولۇپ سايلاندى. يېڭى سايلانغان رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كەلگۈسى مەزگىلدە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى پىلانلارنى ئىلىپ بارىدىكەن.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى قوللاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغان تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ.

مەنبەسى: گۈلمىرە زۇنۇن

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئالماتادا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتتى

پە ماي 1 , 2025
ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى خەۋىرى ئالماتادا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتتى.جەمئىيەت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا تۆۋەندىكى كىشىلەر سايلاندى – مەركەز پرېزىدېنتى ئەزىز ئەيسا ئەلكۇن، باش كاتىپ ئەلىشېر خەلىلوۋ، ھاكىمجان گۈلىيېۋ، ھامىت قەمرايېۋ، ۋىليام مولوتوۋ، ئېھسان ئىسمايىل ۋە مەريەم سۇلتان.ئاخىرىدا شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوۋنىڭ تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ، كۆپ سانلىق ئەزالارنىڭ […]

You May Like