چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى تەمىنلىگەن بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلگىنى 4- ئاينىڭ 20-كۈنى چاۋشيەن پايتەختى پيۇڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى نەق مەيدانى. چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 20- ئاپرېل ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، 2018- يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەدنى قويۇپ بېرىش سىنىقىنى توختىتىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
چاۋشيەن يادرو سىنىقى ۋە سنارەدنى قويۇپ بېرىش سىنىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
چاۋشيەن يادرو سىنىقى ۋە سنارەدنى قويۇپ بېرىش سىنىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى