ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى ئاخبارات ۋاسىتىسى تاشقى مۇناسىۋەت ژۇرنىلىدا، تۈنۈگۈن تۈركىيەلىك مۇتەخەسسىس ئۆمەر فاروق ئىمزاسىدا «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدا سۈرىيەدىكى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىنىڭ ئەزالىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا بولغان پوزىتسىيەسى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەھۋالى، سانى ھەققىدە توختالغان، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يۆنىلىش، ئامېرىكا-خىتاي، تۈركىيە، سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرەش نىشانى ۋە تەقدىرى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن تەپسىلىي ماقالە بولۇپ قالغان.
Next Post
«ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان
يە ئاپرېل 6 , 2025
تەرجىمان مۇتەللىپ ئىقبالنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە، «ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان.
