ئانا تۇپراق ھەسرىتىدە ئۆتكەن 75 يىللىق ھايات

تۇردى غوجىنىڭ غۇلامىدىن پاختا ھەققىدىكى ئەسلىمىسى

مەرھۇم غۇلامىدىنكام ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپلا قالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھىتلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى، مىللەت سۆيگۈسى تىللاردا داستان بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

مەن غۇلامىدىنكام بىلەن تۇنجى قېتىم تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا 1995-يىلى يازلىق تەتىلدە كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنى غەربتە ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار دەۋانى ئامېرىكىدا ئاڭلىتىش ئۈچۈن پۇل توپلاپ ۋاشىڭتوندا بىر ئىشخانا ئاچماقچى بولۇپ بىر ۋەكىل ئەۋەتكەن ئىكەن. رىشات ئابباس بىلەن ئىككىمىز ئۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشمەك ئۈچۈن ۋاشىڭتونغا كەلگىنىمىزدە، غۇلامىدىن ئاكىمۇ ئۇ يەرگە نيۇيوركتىن بارغان ئىكەن. ئۇ زامانلاردا پۈتۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بارماق بىلەن سانىغۇدەك بولغاچقا، بىر-بىرىمىزنى كۆرگەندە ئۇزۇندىن كۆرۈشەلمىگەن تۇغقانلىرىمىزنى كۆرگەندەك خۇش بولۇپ كېتىدىغان ۋاقىتلار ئىدى. رەھمەتلىك غۇلامىدىنكامنى، ئەرەبىستاندىن كەلگەن رەھمەتلىك ھۈسەينقارى ئاكىمىزنى كۆرۈپ بەك خۇشاللانغان ئىدىم. ئەمما غۇلامىدىنكام مېنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىمنى ئۇققاندا ئاجايىپ ھاياجانلانغان ئىدى. قەشقەر توغرۇلۇق جىق سوئال سورىغان ئىدى. ئۇنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى، يۇرت ھەسرىتى يۈز ئىپادىسىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئۇ ۋاقىتتىكى خاتىرىلىرىم 30 يىل بولاي دېسىمۇ خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشتەك ئوچۇق تۇرۇپتۇ. كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نيۇيوركقا يېقىن بولغان نيۇجېرسى شتاتىدا ئىشقا چىقىپ، ئامېرىكا ھېسابى بويىچە غۇلامىدىنكام بىلەن خوشنا بولۇپ قالدىم. ئارىمىزدىكى يول ماشىنا بىلەن پەقەت 2-3 سائەت كېلىدىغان بولغاچقا، پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان دوستلارغا ئايلاندۇق.

كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلىدى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن. بەزىدە غۇلامىدىنكام كاللىسىدىن ئۆتمىگەن بەزى ئىشلارغا شاھىت بولغاندا «ئۇكام، مەن ئۆزگۈرۈپ كەتتىممۇ ياكى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ، بەزى ئۇيغۇرلار مەن بىلىدىغان ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھېچ ئوخشىمايدىكەنغۇ؟» دەپ سورايتتى. باشتا ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن، ئەمما غۇلامىدىنكامنى ياخشى تونۇغانسېرى، ھايات ھېكايىسىنى تولۇق ئۆگەنگەندىن كېيىن بۇ گەپلەرنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. غۇلامىدىنكامنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان كۈچلۈك ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ مەنبەسىنىمۇ تولۇق چۈشەنگەن بولدۇم.

ئۇ ۋەتەندىن قاچقاندا 16-17 ياشلاردا ئىدى. قەشقەر گەرچە خېلى چوڭ شەھەر ھېسابلانسىمۇ، ئۇ زامانلاردا خىتاي ئاساسەن يوق، ھەربىر مەھەللىدە باشقا يۇرتتىن كېلىپ-كېتىپ ئولتۇرىدىغانلار يوق، خۇددى بىر كىچىك يېزىدەك پۈتۈن مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم بىرىنىلا ئەمەس پۈتۈن سۇلالىسىگە قەدەر بىر-بىرىنى تونۇيدىغان، كىم كىمنىڭ بالىسى، كىمنىڭ نەۋرىسى ھەتتا كۆك-نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، بىرى-بىرى بىلەن قويۇق چېتىلغان بىر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن زىچ باغلانغان بىر ساپ ئۇيغۇر مۇھىتىدا ياشىغان ئىدى. ئەمدى بالىلىقىنى تۈگىتىپ يەتكىن ھاياتىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاينىڭ تاجاۋۇزى خۇددى يىلتىزى چوڭقۇر بىر ياش كۆچەتنى قومۇرۇپ تاشلاپ بوراندا ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، ئۇنى ھەممە كوچىلىرى ئۆزىگە تەۋەدەك، ھەممە ئىنسانلار ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدەك بىلىدىغان تونۇش بىر مۇھىتتىن قومۇرۇپ بوران-چاپقۇنلۇق بىر ھايات يولىغا ئىتتىردى.

قارلىق تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، ئۆلگەن ئىنسانلارغا شاھىت بولدى. ئايلارچە جاپا-مۇشەققەتلىك سەپەردىن كېيىن تىلىنى، مەدەنىيىتىنى بىلمەيدىغان يات بىر مەملىكەتكە، ھىندىستانغا يېتىپ كەلدى. ۋەتىنى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھىرى بېرىدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تامامەن يوق بولغان بىر ياقا يۇرتتا ئۆز بېشىغا ياشىماقنىڭ قانداق بىر تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. غۇلامىدىنكامنىڭ دادىسى ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەگە كېتىپ بولغان بولغاچقا، غۇلامىدىنكام ئۆزى ئالدىغا سەپەرگە چىققان ئىكەن. كەشمىردە ئەمدى يەرلىك تىل ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ نېمە بولغىنىنى ئۆگىنە-ئۆگەنمەي يەنە يولغا چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ قېتىم يەنە ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بىر سەپەردىن كېيىن تۈركىيەگە يېتىپ كېلىپ دادىسى بىلەن جەم بولىدۇ.

گەرچە تۈركىيە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بىزگە يېقىن بولسىمۇ، قەشقەردەك بىر يەردە چوڭ بولۇپ ئۇ يېقىن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە كۆنگەن بىر ياش ئۈچۈن يەنىلا يات تۇيۇلغان بولىشى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان ئىش. ئۇ يەردە ئازراق يىلتىز تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپلا يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە تامامەن ناتونۇش بولغان، ئادەملىرى، مەدەنىيىتى، تىلىدىن ھېچ بىر نەرسە بىلمەيدىغان بىر يات ئەلگە، گېرمانىيەگە سەپەرگە چىقىدۇ.

ئۇ يەردە ئەمدى تىلىنى ئۆگىنىپ، يېڭى ئىنسانلار بىلەن تونۇشۇپ، يېڭى دوستلۇقلارنى قۇرۇشقا باشلاپ تۇرۇشىغا ھاياتنىڭ بورانلىرى ئۇنى يەنە بىر قېتىم قومۇرۇپ تاشلاپ ئوكيان ئاتلىتىپ ئۇچۇرۇپ يەنە بىر بام-باشقا بىر يات يۇرتقا ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە بىر قېتىم ئەتراپىدا بىرمۇ تونۇشى يوق، تىل، مەدەنىيەتلىرى تامامەن ناتونۇش بولغان بىر مەملىكەتتە 4-قېتىم ھاياتىنى نۆلدىن باشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھازىر مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى ھەممىمىز خېلى بىلىپ قالدۇق. ئەمدىلا يەتكىن ھاياتىنى باشلىغان بىر ياشنىڭ ھاياتىنى ھېچبىر تونۇشى بولمىغان ناتونۇش ئەللەردە ئارقا-ئارقىدىن يېڭىدىن باشلاشقا مەجبۇر قالغاندا، بېشىغا غېرىبلىق چۈشكەندە ھەر بىر غېرىچىنى بىلىدىغان، كوچىدا ئۇچرىغان ھەر بىر يۈزنى تونۇيدىغان ئۇ ئانا شەھىرىنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ۋەتەن خاتىرىلىرى ئۇنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق ھاياتىدا ھارغاندا، چارچىغاندا دالدىلىنىدىغان، ھۇزۇر ئىزدەيدىغان جەننەت باغچىسى ئىدى. ئۇ باغچا ۋەتەن سۆيگۈسى، ۋەتەن ھەسرىتى بۇلدۇقلاپ قايناپ تۇرىدىغان بۇلاقلارغا تولغان ئىدى. ئىنسانلار ۋەتەننى بىكارغا جەننەتكە ئوخشاتمىغان بولسا كېرەك. ۋەتەن تۇپرىقى ساڭا جىسمانىي ئوزۇقلا ئەمەس ھەتتا دۇنيانىڭ باشقا بىر ئۇچىغا كەتسەڭمۇ روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ سېنى قوغدايدۇ. ۋەتەندەك ئۇلۇغ نەرسە يوق. ئۇنى ھېس قىلالمىغانلار ھاياتى كەمتۈك قالغان زاۋاللى ئىنسانلاردۇر! غۇلامىدىنكام ھاياتىنى پۈتۈن ۋە مەنىلىك ياشىدى.

ياخشى ئارام ئېلىڭ ھۆرمەتلىك ئاكا، ئەزىز دوستۇم، قىممەتلىك قېرىندىشىم!

ئاخىرى بىر ھايات ئىزلىگەن ئۆيىڭىزنى تاپتىڭىز جەننەتتە!

مەنبەسى: تۇردى غوجا فايىس بۇك بېتى؛

ئىملاسى تۈزىتىلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قەشقەر توپىسى بىلەن نيو-يوركقا كۆمۈلگەن زات

يە فېۋرال 23 , 2025
                               نەبىجان تۇرسۇن  ( تارىخ پەنلىرى دوكتور) مىلادىيە 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، 92 يىل ئىلگىرى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مۇقەددەس ۋە ئەزىزانە قەشقەر تۇپراقلىرىغا 15 يېشىدا ئايرىلىش بىلەن ئىككىنچىلەپ قەدەم باسالمىغان بىر زات يەنىلا ۋەتىنىدىن كەلتۈرگەن قەشقەر توپىسى، ۋەتەن توپىسى […]
ghulam pahta

You May Like