ترامپ ئاق ساراي «ئېتىقاد ئىشخانىسى» قۇردى ۋە ئامېرىكىغا «خرىستىئان دىنىنى قايتۇرۇپ كېلىمەن» دەپ جاكارلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 9-فېۋرال

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «دۇئا ناشتىلىقى» ناملىق دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ دىندىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ خەتەرلىرى ھەققىدە توختالدى.

«مەن ئاق سارايدا بولىدىكەنمەن، مەكتەپلىرىمىزدە، ئارمىيىمىزدە، ھۆكۈمىتىمىزدە، ئىش ئورۇنلىرىمىزدا، دوختۇرخانىلىرىمىزدا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا خرىستىئانلارنى ھىمايە قىلىمىز» – دېدى پرېزىدېنت ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق دۇئا ناشتىلىقىدا.​​​​​​​​​​​​​​​​

ئۇ يەنە: «خۇدا مېنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. مەن بۇرۇنمۇ خۇداغا ئىشىنەتتىم، ئەمما ھازىر تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشىنىمەن، ئامېرىكىغا خرىستىئان دىنىنى قايتۇرۇپ كېلىمىز» دېدى.

ترامپ يېڭىدىن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئاق ساراي ئېتىقاد ئىشخانىسى قۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئاق ساراي ھەر قايسى دىن ئېتىقادچىلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ئالاقە قۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ ۋە تېخىمۇ كەڭرى سورۇن ھازىرلايدۇ.

ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا خرىستىئانلار مۇتلەق كۆپ ساندا بولسىمۇ، باشقا دىندىكىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ «دۇنيادا پەقەت ئىككى جىنس يەنى ئەر ۋە ئاياللا بار، باشقا جىنس يوق» سۆزى نۇرغۇن دىن مۇرتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ترامپ يەنە: «بايدېن دەۋرىدە خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرى چەتكە قېقىلغان ۋە بۇنى ئۆزگەرتىدىغان چاغ كەلدى!» دېگەن.

تەنقىدچىلەر ترامپنى خرىستىئان مىللەتچىلىكىنى قايتۇرۇپ كەلمەكتە دېسە، قوللىغۇچىلىرى، ئامېرىكا خرىستىئان دىنىدىن بەك يىراقلىشىپ كەتكەن، ھازىر دىنغا قايتىدىغان پەيت كەلدى دېمەكتە.

سۈرەتتە دىن ساھەسدىكى ئەربابلار ئاق سارايدا تەڭرىنىڭ ترامپنى قوغدىشى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا. سۈرەت مەنبەسى: ئاق ساراي

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر مۇستەقىللىق جەڭچىسى، پشقەدەم ئىنقىلاپچى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى

چا فېۋرال 19 , 2025
95 يشېدا ئامېرىكىدا ئالەمدىن ئۆتتى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 19-فېۋرال ھاياتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى بىلەن ئۆتكەن ئ‍ىنقىلاپچى ۋە جامائەت ئەربابى غۇلامىدىن ئەھمەت پاختا 2025-يىلى 19-فېۋرالدا ئامېرىكىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى غۇلامىدىن پاختانىڭ تەرجىمھالى (تەرجىمھال مەنبەسى ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى) غۇلامىدىن پاختا شەرقىي تۈركىستانلىق ئىنقىلابچى، مۇخبىر ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇيغۇر. ئۇ 1930-يىلى قەشقەر […]
غۇلامىدىن پاختا

You May Like